«شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى تارباغاتايغا كىردى
11:47:57 2025-05-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سۈرەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر رايىدە) 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى تارباغاتايغا كىردى.

 بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىللىق بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، چۆچەك ئىلگىرىكى چېگرادىكى كىچىك شەھەردىن ئۆسۈپ يېتىلىپ بۈگۈنكى كۈندە ئېچىۋېتىلگەن، گۈللەنگەن ھاياتىي كۈچكە تولغان جايغا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تارباغاتاي ۋىلايىتى مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، خاس ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، زور كۈچ بىلەن «2+5» زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، «بەش رايون» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تارباغاتاينىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى تارباغاتاي يېپيېڭى قىياپەتتە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

 «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىدىكى ئىككىنچى بېكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت كوللېكتىپى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ چۆچەك شەھىرى، چاغانتوقاي ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، دۆربىلجىن ناھىيەسىگە بېرىپ، باقتۇ پورتى، شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش- ئېچىۋېتىش سىناق رايونى، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىق كارخانىسى، شامال ئۆتەڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشى، بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونى، ياۋا مېۋىلىك ئورمان مەنزىرە رايونى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، «بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش + يەر يۈزىدە زىيارەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئىستېرېئولۇق كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق، دىققەتنى پورت ئىقتىسادى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى، ئېكولوگىيەنى قوغداش، قىزىل مەدەنىيەت ساياھىتى، خاس يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى جانلىق ئەمەلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمە خاتىرىلەپ، سۈرەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ.

 تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ فېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى تارباغاتاينىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت. كامېرا تارباغاتاينىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق ساھەلەردىكى نەتىجىلىرىنى خاتىرىلەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى باشقىلارنى چېگرا رايوننىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق، «ماي بوياق رەسىمدەك تارباغاتاي، يايلاقتىكى كۆڭۈلدىكىدەك جاي»نىڭ جەلپكارلىقى ۋە قىياپىتىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. 

 زىيارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىسى جاڭ يۈن مۇنداق دېدى: تارباغاتايدا ھەم يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى، ھەم شامال ئۆتەڭنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشتىكى ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى بۇرۇنلا ئاڭلاپ، كامېرا ئارقىلىق بۇ تەسىرلىك مەنزىرىلەرنى خاتىرىلەشنى ئىزچىل ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدىم، «سۈرەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تارباغاتايدىكى تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيە ئارىسىدىكى ئىلمىي تەڭپۇڭلۇقنى كۆرۈپ، چېگرا رايوندىكى بۇ مېھىرلىك تۇپراقنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يېپيېڭى جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

 «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتىنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئاخبارات فوتو سۈرەت ئىلمىي جەمئىيىتى ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزدى، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» خاس نامدارلىقىغا ئېرىشتى. بۇ پائالىيەت تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى پۈتۈن تاراتقۇ نۇقتىسىدىن خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ قېتىملىق تارباغاتاي بېكىتى پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ مەشغۇلاتچىلىرى ھەم پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جەم بولغان بولۇپ، بىرلىكتە گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىش، دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى تارقىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125