ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى شىنجاڭ ئالتايدا ئۆتكۈزۈلدى
11:39:48 2025-05-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى شىنجاڭ ئالتايدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم باشلىنىش سۆزى قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى شىنجاڭ ئالتايدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو شىنجاڭ ۋە قازاقىستان، موڭغۇلىيە دۆلىتى، رۇسىيەدىكى ئالاقىدار رايونلارنىڭ ھۆكۈمەت- كارخانا ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، رايون ھەمكارلىق تەرەققىيات چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم باشلىنىش سۆزى قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. قازاقىستان ئاباي ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بېرىك ۋالى، شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ باشلىقى نۇرېمبېت ساكتاجانوف ۋە يەتتەسۇ ئوبلاستىنىڭ ۋەكىلى، موڭغۇلىيە دۆلىتى خوبدۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لا. ئېنكىبايار، بايانئۆلگە ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كا. باقىتجان، ئۇبۇس ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئې. باتۇرساڭ، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋېتالى سنېسالى، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1- مۇئاۋىن رەئىسى ئېرېر مارچىنوف سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: ھەيۋەتلىك ئالتاي تېغى ئېتىكىدە، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىنى بىرلىكتە ئېچىشىمىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون ئىقتىساد چەمبىرىكى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تولۇق قۇۋۋەت قوشتى. ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىگە گۇۋاھ بولدى، بۈگۈنكى كۈندە يەنە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش دەۋر بۇرچىنى ئۈستىگە ئالماقتا. ھەرقايسى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ دۇنياغا نامايان بولماقتا. بىز ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر ئىناق- ئېجىل ياخشى قوشنىلار، سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ مول بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايوننىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمىز.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون ئۈمىدكە تولغان، يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز، ئىستىقبالى پارلاق مېھىرلىك تۇپراق. بۇ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ھەرقايسى تەرەپ خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو شىنجاڭ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت ۋە نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپ كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پائال جەلپ قىلىدۇ. ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون ئىچىدىكى تاشيول- تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە تورىنى زىچلاشتۇرۇپ، پورتنىڭ قۇرۇلۇش سەۋىيەسى ۋە تاموژنىدىن مال ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ساياھەت ئايلانما لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بىرلىكتە كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ. خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىش»، «سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى زورايتىپ، كۆپ خىل ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

 ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللىرى سۆزىدە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىگەنلىكى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىگە رەھمەت ئېيتتى، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھەم يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان كۆپ ساھەدە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايوندا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپ خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 ھەرقايسى تەرەپ ۋەكىللىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا يۆنىلىش، پىكىر يولى ۋە كونكرېت ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك قاتناشنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنىڭ رايون ھەمكارلىقىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قوشنا رايونلارنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، تۆمۈريول، تاشيول، كۆۋرۈك قاتارلىق چوڭ- چوڭ تۈرلەر قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋىياتسىيەنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا سوممىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پورتلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ماللارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە خادىملار ئالاقىسى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، چېگرا ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىنى پائال قۇرۇپ، چېگرا سودىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئېنېرگىيە بايلىقى رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مۇھىم ئەۋزەللىكى بولۇپ، كۆمۈر، يېشىل ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاش قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ تۈرلىرىنى ھەمكارلىشىپ يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كېڭەيتىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز. مائارىپ ۋە پەن- تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەجرىبىلىرى ۋە تېخنىكىسىنى ئۆرنەك قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم مەدەنىيەت- سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئۆزئارا قاتنىشىمىز ۋە بىرلىكتە ئۆتكۈزىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايوننىڭ ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول، ساياھەتنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، رايون ساياھەت لىنىيەسىنى بىرلىشىپ ئېچىپ، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمەت باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

 يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

 شىنجاڭدىكى بىر قىسىم شەھەرلەر چەت ئەل تەرەپ بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر يەنە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق پىلانى ۋە كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

 چېن ۋېيجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى. ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، جۇ لىفەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركەز تاشقى ئىشلار ئىشخانىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە- مۇھىت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125