ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سو رۇڭجى) بۇ يىل 5- ئاينىڭ 20- كۈنى 26- قېتىملىق «دۇنيا ئۆلچەم كۈنى». شۇ كۈنى، شىنجاڭ «20- ماي دۇنيا ئۆلچەم كۈنى» باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «ئۆلچەم دەۋر ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىش».
پائالىيەت مەزگىلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىستېمىسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئۆلچەم بويىچە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ تەشۋىقات- يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمنى مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، دوختۇرخانىلارغا كىرگۈزۈش، زاۋۇتلارغا كىرگۈزۈش، ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش- توغرىلاش، ئۆلچەم تېخنىكىسى بويىچە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، ئۆلچەم قانۇن- نىزاملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆلچەم مەدەنىيىتىنى كېڭەيتىپ، ياخشى بولغان ئۆلچەم كەيپىياتىنى ياراتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 1- دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى گاۋ جيەندۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆلچەمنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئاپپاراتىدىن 88ى، ھوقۇق بېرىلگەن ئۆلچەم تېخنىكىسى ئاپپاراتىدىن 120 نەچچىسى بار بولۇپ، جەمئىيەتتە ئورتاق قوللىنىلىدىغان ئۆلچەم ئۆلچىمىدىن 1518ى ئورتاق بەرپا قىلىندى، ئاپتونوم رايوندا كەسپىي ئۆلچەم تېخنىكىسى كومىتېتىدىن ئونى قۇرۇلدى، 179 تۈرلۈك يەرلىك ئۆلچەم تېخنىكىسى قائىدىسى جۇغلىنىپ تۈزۈلدى (ئۆزگەرتىلدى)، نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئۆلچەم مەركىزى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەستىقىغا ئېرىشتى. دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ئۆلچەم سىناق مەركىزى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ كەسىپ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش جەھەتتە، ئۆلچەم ئاساسى مۇستەھكەملىنىپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇلۇپ، ئالاقىدار نەتىجىلەر مەملىكەت بويىچە تىپىك مىسال بولۇپ تاللاندى؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش ساھەسىدە، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش ئۆلچەم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كاربون ئۆلچىمىگە ئالاقىدار پەن- تېخنىكا تۈرى تەتقىقاتى كۈچەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار ئۆلچەملەرنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىجىل كۈچەيتىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق باھا ھېسابلاش تارازىسى، سۇ، توك، گاز قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان «ئۈچ سائەت»نى تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتى ھەقىقىي قوغدالدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇل تەتقىقات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، قوللىنىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇش ۋە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون تەرەققىياتىنى پۇختا ئۆلچەم تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق كاربون ئۆلچەم مەركىزى (ئېلېكتىرو كاربون) قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەستىقىغا ئېرىشتى. بۇ مەركەزنى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرگەن بولۇپ، ئېلېكتىرو كاربون ئۆلچىمىنى يادرو قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد توك ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى توپلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ، ھەرىكەتچان كاربون كۆپەيتكۈچى ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە ئېلېكتىرو كاربون جەدۋىلىنى ئېچىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىستېمالىدا كاربون ئىزىنى ھەر ۋاقىت ئىز قوغلاپ مېڭىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ مەركەز «مەنبە- تور- يۈك- زاپاس ساقلاش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك كاربون ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسىنى پۈتۈن ھالقا بويىچە قاپلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كاربون ئۆلچىمى خىزمىتىنى سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ساھەسى، ئېنېرگىيە ئىشلىتىدىغان كارخانىلار ھەم ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)