جۇڭگو (شىنجاڭ) − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
11:57:35 2025-05-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي) 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، جۇڭگو (شىنجاڭ) − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەم ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى 100دىن ئارتۇق چەت ئەللىك مېھمان يىغىنغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىندى.

 بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا «يىپەك يولى تاغ- دەريالارنى تۇتاشتۇرىدۇ، ھەمكارلىق كەلگۈسىنى يارىتىدۇ» باش تېما قىلىندى. ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەش ھالقىسىدا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار بەس- بەستە سۆز قىلىپ، تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، ھەمكارلىق ئۈستىدە كەڭ- كۇشادە پاراڭلاشتى. تونۇشتۇرۇش- تەشۋىق قىلىش ھالقىسى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

 ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا يەنە ئۇدۇللىشىش، ئالماشتۇرۇش ھالقىسى تەسىس قىلىنىپ، دىققەت ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭ كارخانىلىرى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى كارخانىلىرىغا يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد- سودا ھەمكارلىقىدا نەتىجىلەر مول بولدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئۇدا بەش يىل مۇقىم ھالدا جۇڭگونىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىساد- سودا ئالاقىسىدە كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ نامايان بولدى، 2024- يىلى ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى 40 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى %191كە يەتتى، RCEP (رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى)غا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا سوممىسى %167.8 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق- دېڭىز يېڭى يولى بىلەن جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا تايىنىپ، 213 دۆلەت ۋە رايون بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتتى. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىمۇ سىجىل كېڭىيىۋاتىدۇ، بۇ يىل مالايسىيا قاتارلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى يېڭىدىن ئېچىلىپ، 20 دۆلەت، 23 رايوننى قاپلىدى.

 شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى (جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى)نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې يىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەت مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان، بۇ، شىنجاڭنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئەمەلىيەت. شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى (جۇڭگو خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ شىنجاڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى) ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىچكى- تاشقى مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى راۋانلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

 بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار يەنە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يېڭى كەيپىياتىنى نەق مەيداندا ھېس قىلىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125