ئاۋمېن سودا- سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولدى
11:46:05 2025-05-22 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىمىز

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە، ئاۋمېن سودا- سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشتا بولدى. شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى مۇزېي، كارخانا، مەدەنىيەت كوچىسى، پورت قاتارلىق جايلاردا نەق مەيداندا زىيارەتتە بولدى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاۋمېن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

 بىر شەھەرنى چۈشىنىش مۇزېيدىن باشلىنىدۇ. تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ مۇزېيى، «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى باش تېما كۆرگەزمىسى»، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، تارىخ ۋە كەلگۈسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي تومۇرىنى كۆپ نۇقتىدىن ئىگىلىدى.

 «دۆلىتىمىزنىڭ تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ رايونىنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن.» تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، ئاۋمېن جۇڭخۇا باش سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى ما جىيى مۇنداق دېدى: ھازىرقى شىنجاڭدا جەمئىيەت ئومۇمىيىتى مۇقىم، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىپتۇ، بۇ، ئاۋمېنلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدىشىگە ئىشەنچ بېغىشلىدى.

 ماناس ناھىيەسىگە جايلاشقان تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمە باغچىسىدا، ئۈزۈم شاخ- يوپۇرماقلىرى بۈك- باراقسان، ياپيېشىل ئۆسكەن بولۇپ، بىر كۆركەم مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى؛ شىخەنزە تەرەققىيات رايونى شېننېي يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىدە، بوتۇلكىغا قاچىلانغان سەۋزە شەربەتلىرى رەتلىك تىزىلىپ ئاقما لىنىيە ئارقىلىق ئوراش- قاچىلاش سېخىغا كىرىۋاتاتتى؛ شىنجاڭ سايرام كۆلى بېلىقچىلىق پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ سوغۇق سۇ بېلىقى بازىسىدا، رەڭگى پارقىراق قاڭشارلىق ئاق كورېگونۇس بېلىقلىرى، جىنزۇن بېلىقلىرى كۆلچەكتە ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى؛ ئىلى يىمۇشىن سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، قاپقا قاچىلانغان سۈتلەر ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى.

 تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى باغچە رايونىدا كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى، سوغۇق سۇ بېلىقى باقمىچىلىقى، يېمەكلىك، ئىچىملىك قاتارلىق خاس كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە كارخانىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاۋمېن يەنۋوجۇاڭ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى رۇەن جيەنكۇن مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدا، يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمالچىلار ئىنتايىن ياقتۇرىدۇ، شېننېي سەۋزە شەربىتىدەك بۇنداق مەھسۇلاتلار ئەگەر شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا كېڭەيتىلسە، چوقۇم ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى «يىپەك يولى ئەقلىي ئىقتىدارلىق پورتى» پورت رايونىدا ھەممە مەشغۇلاتنى تۇتاشتۇرۇش سۇپىسىدىكى چوڭ ئېكران ئارقىلىق جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى ۋە ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت مەركىزىدىكى ئالدىراش مەشغۇلات مەنزىرىسىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇرغۇپ تۇرغان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى بەس- بەستە ماختىدى.

 قورغاس تاشيول پورتىدا، مال قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى ئاستا- ئاستا كىرىپ- چىقىۋاتاتتى؛ جۇڭگو − قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلاردىن كەلتۈرۈلگەن تاۋارلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ جايدا قانغۇچە ساياھەت قىلىپ مال سېتىۋالاتتى. تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى قورغاس پورتىنىڭ سودا ھاياتىي كۈچى چوڭقۇر جەلپ قىلىۋالغان بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپىتىنى چىن كۆڭلىدىن ئالقىشلىدى.

 جۇڭگو چياۋمىنلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى لۇ شيۇمېي مۇنداق دېدى: ئاۋمېن جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سودا ھەمكارلىق مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ۋە مول خەلقئارا بايلىققا ئىگە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە كېڭەيتىش كۆزنىكى بىلەن تەمىنلەپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋمېن بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 ھازىر، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەت بازارلىرى سىجىل جانلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا. تەكشۈرۈش ئۆمىكى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى، كۈرە قەدىمىي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى ئالتە شۇئار كوچىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، كەسىپ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە- ئۇسۇللىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

 تەكشۈرۈش ئۆمىكى بىردەك مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئۆزگىچە، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور ئىكەن، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق بىرىكىش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋمېن بىلەن شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

 شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، تەكشۈرۈش ئۆمىكى يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ، يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى؛ قورغاس جىنيى خەلقئارا سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، مەھسۇلات سېتىش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تەكشۈرۈش ئۆمىكىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

 «بۇ مېنىڭ ئىككىنچى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، ناھايىتى ياخشى تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.» ئاۋمېن سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمە جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى خې جىڭلىن مۇنداق بىلدۈردى: رولىمىزنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاۋمېن كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋمېندىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پورتۇگال تىلىنى قوللىنىدىغان دۆلەتلەردىكى بازىرىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125