ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى
11:01:31 2025-05-23 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

دېلودىن ئىبرەت ئېلىش، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

5- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 21- كۈنى، ئاپتونوم رايون مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى بويىچە ئىبرەت تەربىيەسى يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېلودىن ئىبرەت ئېلىش، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەيمىنىشنى بىلىش، سەگەك بولۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى. 

 يىغىندا، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى قويۇلۇپ، خېنەن شىنياڭدىكى ئون كادىرنىڭ ئۆگىنىش- تەربىيەسى مەزگىلىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە ئائىت دېلو مىسالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئاپتونوم رايون بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پارتىيە دۇچ كەلگەن زور خەۋپ- خەتەر، سىناق ۋە پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن باشلاپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىشنى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىن باشلاپ تۇتۇش قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنىڭ يېپيېڭى تۈسكە كىرىشى، جەمئىيەت ئىستىلى ۋە خەلق ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلۇغ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقنى بېرىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا «نېمىنى تۇتۇش، قانداق تۇتۇش» قاتارلىق زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا قائىدە- ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، دادىل ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋىلايەتلىك، ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى باش ۋەزىپىدىكى كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىش كېرەككى، شىنجاڭنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋەزىيىتى ھېلىھەم ئىنتايىن كەسكىن. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ دېلو مىساللىرىنى ئىبرەت قىلىپ، چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، تەكشۈرۈپ، قايتا ئويلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا «بەش جەزمەن» ئارقىلىق دۇرۇس بولۇپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «يەتتە خىل قىلمىش» ئارقىلىق ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، سىياسىي ئۆتكەل، ھوقۇق ئۆتكىلى، ئالاقە ئۆتكىلى، تۇرمۇش ئۆتكىلى، قېرىنداشلىق مېھرى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، قەتئىي تۈردە سىياسىيدا مۇستەھكەم زېرەك ئادەم بولۇش كېرەك. خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، ئاساس سالىدىغان، ئۇزاق مەزگىل مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، قەتئىي تۈردە خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان سىرداشلاردىن بولۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىش قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش كېرەك، ئىشلارنى پىلانلاشتا تىرىشچان بولۇش، ئىش قىلىشتا ئىنچىكە بولۇش، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا ئەمەلىي بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەسى بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەش، قاراملىق بىلەن ئىشلەش، زورمۇزور ئىشلەش، ساختىپەزلىك قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، قەتئىي تۈردە ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان باشلامچىلاردىن بولۇش كېرەك. پاك- دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئەينەك قىلىپ، سىياسىي ئىرادە، ئىنتىزام ئىرادىسى، ئەخلاق ئىرادىسى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پاك ئادەم بولۇپ، پاكىز ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئەمەلدار بولۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان قائىدىلىك كىشىلەردىن بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئۆزلۈك ئىنقىلابىي روھى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق ئەخلاقنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق قانۇننى سۆزلەش، دېلو ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى سۆزلەشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، مەنبەنى چوڭقۇر قېزىپ، تۈزىتىشنى قاتتىق، ئەمەلىي ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرىنىڭ 1- جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن يىغىنغا قاتناشتى، ۋاڭ لىن رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ئورۇنلىرى، كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ھەرقايسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125