خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە 2025- يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى. خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى يۈ شاۋلياڭ قاتناشتى ھەم ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «شاڭخەي روھى»نى يېتەكچى قىلىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «جۇڭگو يىلى». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدىكى مۇھىم تەشەببۇسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگودىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە شىنجاڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ قېتىمقى تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ئۆتكۈزۈش مۇقەررەر ھالدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلارنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسى يارىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتتى، تۈرلۈك ئىشلاردا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ھەممىگە ئايان. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى بەزى كۈچلەر پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» «ئىرقىي يوقىتىش» قاتارلىق ئۇچىغا چىققان يالغان- ياۋىداق سۆزلەرنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ «شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش» سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى. جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىدىكى دوستلارنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تېخىمۇ كۆپ نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇخايىل . خان مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا كۆپ دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش كۈنسېرى كۆپىيىپ، رايون ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلاندى. تاراتقۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، جۇڭگو تاراتقۇلىرى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىرقى مۇرەككەپ، داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جەمئىيەت تەرتىپىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، ئىناق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق. «شاڭخەي روھى» غايەت زور قىممەتكە ئىگە، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ياردىمى بىلەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ئۇچۇر كومىتېتى، ئۆزبېكىستان دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، تاجىكىستان «ئاسىيا تېز خەۋەرلىرى» تاراتقۇ گۇرۇھى، قىرغىزىستان «كابار» دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئەمگەك گېزىتىنىڭ ئالاقىدار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى، خەلقئارا سەھنىدىكى تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئاشتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈش سەمىمىي، ئوچۇق ۋە ئىجابىي مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رايون خاراكتېرلىك ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك لايىھە تېپىپ چىقىشقا پايدىلىق. بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ساختا ئۇچۇرلارنى توسۇپ، ئورتاق ئۇچۇر بوشلۇقى بەرپا قىلىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇقىم بولغان خەلقئارا تەرتىپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
خەلق گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى سۈي شىشىن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يەنچۇن، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جۇچۈەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەلق گېزىتخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشر قىلىش- تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، مەركەز كارخانىلىرىدىكى ئەزىز مېھمانلار قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)