باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
«15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدا، 35- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي نازارەتچىلىكنى قانات يايدۇرۇش، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تەدرىجىي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىساد ئۇلىنى چىڭ ساقلاپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئۈچ يېڭى» ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەسىل خاراكتېرلىك تەبىئىي ئاپەتتىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي بىرتەرەپ قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي، ياخشى تۈزۈشنىڭ پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئەھمىيىتى زور. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «15- بەش يىل» مەزگىلىنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالى ئەمەلىيىتى ۋە خاس ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئىلمىي ياخشى پىلانلاش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەر ۋە ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن خەلقتىن ئەقىل سوراشنى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىپ دەلىللەشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە يىرىك پىلاننى كونكرېت خىزمەت ۋە كونكرېت تۈرلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەر ۋە سىياسەت- تەدبىرلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېيىپلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مېيىپلەرگە قارىتىلغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە غەمخورلۇق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرگە تايىنىپ، مېيىپلەر ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ مېيىپلەر خىزمەتچىلىرى مۇلازىمەت ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ مېيىپلەرنىڭ ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان قەلبدىشى، سىردىشى بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭ زىممىسىگە ئالغان دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئالاھىدە مۇھىم بۇرچنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تۈزۈم- مېخانىزمىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، مىللەت- دىن، ئىدېئولوگىيە، تاشقى خىزمەت قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، خەۋپ- خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى سىياسىي ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئورۇن بېكىتمىسى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىك مەزمۇنى ۋە نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنى ئىگىلەپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنىڭ كونكرېتلىشىشى، تۈجۈپىلىشىشى، دائىملىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تەدرىجىي يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا دائىر مۇھىم ئويلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىنى چىڭ كۆزلەپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش قەدىمىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش كېرەك. سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، يېڭىدىن قۇرۇش بىلەن ئۆزگەرتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇش- قوغداشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم چىقىش نۇقتىسى قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇلۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پۈتۈن شىنجاڭدىكى شارائىتى ھازىرلانغان تېرىلغۇ يەرلەرنى، بولۇپمۇ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنى تېرىقچىلىققا ماس كېلىدىغان، قۇرغاقچىلىق- ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان، يۇقىرى ھوسۇللۇق، مۇقىم ھوسۇللۇق زامانىۋى مۇنبەت ئېتىز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)