ما شىڭرۇي، يۈ شاۋلياڭ، سۇخايىل . خان سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز تونۇشتۇردى، زۇمرەت ئوبۇل، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى
5- ئاينىڭ 23- كۈنى، «گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈللەنگەن كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش» باش تېما قىلىنغان 2025- يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي مۇنبەرگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) خەلق گېزىتخانىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 2025- يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈللەنگەن كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش». شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە سۆھبەتلىشىش ھەمراھلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 26 دۆلەتتىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلار ۋەكىلى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، خەلق گېزىتخانىسىنىڭ باشلىقى يۈ شاۋلياڭ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇخايىل . خان سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تونۇشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى مېھمانلارنى قارشى ئالدى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن، قوللاپ كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى زاتلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 24 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيادىكى يەر كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلات بەرپا قىلىپ، «شاڭخەي روھى»نىڭ كۈچلۈك ھاياتىي كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىنىڭ رولى بارغانسېرى مۇھىم بولماقتا. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەجرىبىلىرىنى تارقىتىش، تېخىمۇ زىچ بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلاردا كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ ئوچۇق، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىياپەت بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئاچماقتا. تاراتقۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى خالايمەن: بىرىنچى، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى ئورتاق كېڭەيتىپ، ئاخباراتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، خادىملار ئالاقىسى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارزۇسى»نى پائال يەتكۈزۈش كېرەك. ئىككىنچى، مەدەنىيەت كۆۋرۈكىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى، ئادىمىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ جەلپكارلىقى، خەلق ئىچى ئالاقىسى ھېكايىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ ۋە تارقىتىپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەت- بۇرچنى ئورتاق زىممىگە ئېلىپ، ئاخبارات ئەخلاقىنى چىڭ ساقلاپ، ساختا ئۇچۇر ۋە يامان غەرەزدە ئويدۇرۇپ چىقىشنى توسۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان ياخشى تارقىتىش تەرتىپى ۋە ئاممىۋى پىكىر ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك.
يۈ شاۋلياڭ مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتىن- ئاخىر «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا ـ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ»ىسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى لايىھەسى»نى تەقدىم قىلدى. ھازىر، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلىسىز مۇرەككەپ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ خادىملىرى كۈچنى مۇجەسسەملەپ كەلگۈسىنى پىلانلاپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ، چىن، ئوبيېكتىپ، ئادىل بولغان خەۋەرلەر ئارقىلىق، تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك. ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتى كۆۋرۈكىنى ئورتاق سېلىپ، سۆز سىستېمىسى ۋە بايان قىلىش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇلۇش پائالىيىتىنى بېيىتىپ، دۇنياغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇلۇش، يۇغۇرۇلۇش ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك. قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئورتاق ياڭرىتىپ، بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ تاراتقۇلارنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ۋە ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا تاراتقۇلار ھەمكارلىقى ۋە دۇنياۋى مەدەنىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق گېزىتخانىسى باشتىن- ئاخىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى بىلەن بىرلىكتە، سۆھبەتلىشىش- پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقى ۋە خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئېنىق بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى بەلگىلەپ بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇش يارىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىدە يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، كۆپ خىل مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ جۇلالاندى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى سىجىل مۇستەھكەملەندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بەختلىك، گۈزەل بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى سىجىل ئاشتى. ئامېرىكا قاتارلىق غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئارقا- ئارقىدىن پىتنە- ئىغۋا توقۇپ، بوھتان چاپلىشى، شىنجاڭغا ھۇجۇم قىلىپ قارا چاپلىشى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلە»لەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ شىنجاڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇش سۇيىقەستىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. شىنجاڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، ئادىل چۈشىنىشى ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىدىكى دوستلارنىڭ كۆپرەك كېلىپ ئايلىنىپ بېقىشىنى، كۆرۈپ بېقىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
سۇخايىل . خان مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىناق، بىخەتەر، سىغدۇرۇشچان ئورتاق يۇرت- ماكان بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسىدە، تاراتقۇلار ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ كەلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تىرىشىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمبەھرىلىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خەۋەر قىلىشنى ئوبيېكتىپ، چىن، ئادىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ياش ئاخباراتچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. جۇڭگو شىنجاڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى شىنجاڭنىڭ ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
قازاقىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرلىقى ئۇچۇر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەلىشېر مۇكاجان، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى يەنچۇن، قىرغىزىستان «كابار» دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى مېيجېربېك شېرمېتالىيېف، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جۇچۈەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ياۋروپا − ئاسىيا مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۈي گوجيې، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سېلىنما گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ مىڭشېڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلىپ، مۇنداق قارىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلۇش نەتىجىلىرى مول بولدى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قالتىس نامايان بولدى، مول نەتىجىلىك بولغان بىر تىنچ تەرەققىي قىلىش يولى تېپىپ چىقىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، پائال تۈردە «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرغۇچى، ئەمەلىي ھەمكارلىققا يول ئاچقۇچى، خەلق دوستلۇقىنى تارقاتقۇچى بولۇپ، بىرلىكتە بىخەتەر، ئادىل، باراۋەر بولغان تاراتقۇ بوشلۇقىدا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ساختا ئۇچۇرلارنى توسۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساداسىنى تارقىتىپ، تاراتقۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بۇنى پۇرسەت بىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي، ئوبيېكتىپ بولغان جۇڭگو شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، بىرلىكتە يېڭى دەۋردىكى ھەمكارلىق تەرەققىيات ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدۇ.
مۇنبەردە «ئورتاق ماكان − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات مەنزىلى بويىچە خەلق رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» ئېلان قىلىندى.
ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى.
خەلق گېزىتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى سۈي شىشىن رىياسەتچىلىك قىلدى. چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، خەلق گېزىتخانىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو چەت ئەل تىل- يېزىقى نەشر قىلىش- تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى ئەزىز مېھمانلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار مۇنبەرگە قاتناشتى.
مۇنبەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرى ۋەكىللىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، زىيارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.