5- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى زالىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۇنجى قېتىم جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن لى مىننى ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى ۋە تىياتىر مەستانىلىرى قىزغىن قارشى ئالدى. (مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)
5- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن تۇنجى قېتىم جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ ياش ئارتىسى لى مىن شەرەپ قۇچۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.
شۇ كۈنى كەچتە، لى مىننىڭ ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرى، قىزغىن تىياتىر مەستانىلىرى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسى ۋەكىللىرى ئايروپورتقا جەم بولدى. ئۇلار گۈل كۆتۈرۈپ، قارشى ئېلىش لوزۇنكىلىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئەڭ ئاددىي، ئەڭ سەمىمىي ئۇسۇل بىلەن شىنجاڭنىڭ تىياتىر ئىشلىرى ئۈچۈن يېڭى تارىخىي سەھىپە پۈتكەن بۇ سەنئەتكارنى كۈتۈۋالدى.
جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتى دۆلىتىمىزنىڭ تىياتىر ئورۇنلاش سەنئىتىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدۇ. 10- نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىرى مۇكاپاتى · مېيخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتى (32- نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتى)نى تارقىتىش مۇراسىمى 5- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. لى مىن چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ئەنئەنىۋى تىياتىرى «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى»نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 42 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن تۇنجى شىچۈ تىياتىرى ئارتىسى بولۇپ قالدى.
لى مىن ئايروپورت زالىدا پەيدا بولغاندا، قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. كۆپچىلىك بەس- بەستە ئۇنىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشتى ۋە ئۇنىڭغا گۈزەل تىلەكلىرىنى بىلدۈردى: «ئۆيگە قايتقانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز!» «ئەمەلىي تۆھپە ئارقىلىق شەرەپكە ئېرىشتىڭىز، خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشتىڭىز!» قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە لى مىن گۈللەرنى قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىككە چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى، ھەمدە نەق مەيداندا «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى» تىياتىرىدىكى نادىر بۆلەكلەردىن ئارىيە ئورۇنلاپ بەردى، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي سۈرەتكە چۈشۈپ، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇردى.
گۈل ۋە ئالقىش سادالىرىدىن ھاياجانلانغان لى مىن مۇنداق دېدى: «ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن، مېنى قوللىغان ھەربىر دوستۇمغا رەھمەت! <مېيخۇا مۇكاپاتى> شان- شەرەپ بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. مەن شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا داۋاملىق يىلتىز تارتىپ، ھەربىر مەيدان ئويۇننى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئويناپ، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرىمەن».
ئىگىلىنىشىچە، لى مىن تىياتىر ئۆمىكىدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن داۋاملىق جىددىي رېپېتىتسىيە قىلىدىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى» ناملىق چىنچياڭ تىياتىرى ئۈرۈمچىدە ئورۇنلىنىپ، تىياتىر مەستانىلىرىغا بىر مەيدان ئەسلىي ئۇسلۇب، ئەسلىي پۇراقتىكى شىچۈ كاتتا زىياپىتى بېرىلىدىكەن. (مۇخبىر گو جۈنگې، ۋاڭ چاڭتۇڭ)