ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5- ئاينىڭ 25- كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسىدە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدا زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، خاس، ئەۋزەل تۈۋرۈك كەسىپلەر، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى تېزلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
5- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كارخانىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي كارخانىنى يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئىقتىدارى، ئۈنۈمى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پاختا كەسپى تەرەققىياتىدا كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى؛ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا تېرىلغۇ يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تاپىلىدى.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شايار، توقسۇنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق نۇقتىلىق تۈرلىرىگە ئورۇن تاللاش ۋە پىلانلاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى زور كۈچ بىلەن پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ تيەنخۇي كاڭبەي يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيە پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كېۋەز شادىسىدىن پايدىلىنىپ مۇھىت قوغدايدىغان تاختاي ماتېرىيالى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى نەتىجىلىرى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىنى پاختا بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپ رىقابىتىدە يېڭى ئەۋزەللىك يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى؛ توقسۇ ناھىيەسى جېشىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، خىرۇستال بېزەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك قاتارلىق كەسىپ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك مەسىلە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك كەسىپلەر ۋە كارخانىلارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ سىجىل، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شايار ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى بازار ساقچىخانىسى ۋە توقسۇ ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىگە كېلىپ، بىرىنچى سەپتىكى خەلق ساقچىلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا يۆتكەش، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش، كاپالەتنى تۆۋەنگە مايىللاشتۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تۈرگە ئايرىپ، دەل جايىدا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس- تەلەپلىرىنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەت، خەۋپ- خەتەرنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش كېرەك. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەنە توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئېلىم ھېساباتىدىكى پۇل ئىسپاتى (توختام) ئوبوروت مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كەسىپنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز بىڭتۇەن ئارال شەھىرى كۇچا- شايار- توقسۇ- باي كەسىپلەر باغچىسىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى مەخسۇس ئاڭلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىشى، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلىشىنى كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشى، كەسىپ تەرەققىياتى، تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك كەسىپ يۇغۇرما ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپ تەرەققىياتىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتىن ئىبارەت بۇ مەۋقە ۋە مەقسەتنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېز تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا تۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشكە سىجىل تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)