ما شىڭرۇي قاتناشتى ھەم ۋىۋىسكا بەردى، ئەركىن تۇنىياز سۆز قىلدى، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى
5- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە 2025- يىللىق شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنى بىرلىكتە ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي 2024- يىلى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت- ئىستىراھەت رايونى بولۇپ باھالانغان چىڭگېداخۇ ساياھەت- ئىستىراھەت رايونىغا ۋىۋىسكا بەردى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 5- ئاينىڭ 25- كۈنى، ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۇەن ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرىدە 2025- يىللىق شىنجاڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنى بىرلىكتە ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم 2024- يىلى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالانغان تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى، دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت- ئىستىراھەت رايونى بولۇپ باھالانغان چىڭگېداخۇ ساياھەت- ئىستىراھەت رايونىغا ۋىۋىسكا بەردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چى جۇچۈەن سۆز قىلدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گاۋ جىنخۇڭ سىنلىق سۆز قىلدى. خەلق سەنئەتكارى ۋاڭ مېڭ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى.
ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش داۋامىدا، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا كىرگۈزۈپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇش، ماركا يارىتىش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىشقا كۈچەپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» داڭلىق ماركىسىنى سىجىل ياراتتى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى مول، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، تاغ- دەريالىرى كۆركەم بولغان تەبىئىي گۈزەللىككە، كۆپ خىللىق يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت جەلپكارلىقىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ئىناقلىق گۈزەللىكىگە، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئېچىۋېتىش قىياپىتىگە ئىگە. بۈگۈنكى شىنجاڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلماقتا. بىز دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى دوستلارنىڭ ئاۋۋالقىدەكلا شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەدەت بېرىپ، بىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
گاۋ جىنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ھەم تىنچ گۈللىنىش ئارزۇسى ئاساسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان، تېخىمۇ ئېلاستىكلىققا ئىگە ساياھەت ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەتچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. بۈگۈنكى كۈندە، مىڭ يىللىق كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، قەدىمكى ئەقىل- پاراسەت بىلەن زامانىۋى ھاياتىي كۈچ ئەپچىل يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىل جەلپكارلىقى جانلىق نامايان قىلىندى. بۇ قېتىمقى ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىنى ئېچىش ئالماشتۇرۇش بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك پۇرسەت. بىز مەدەنىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق كۆۋرۈك سېلىپ، تارىخنىڭ ئەكس ساداسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئورتاق ھەمبەھرىلەپ، ساياھەت ھەمكارلىقى يېڭى يولىنى ئورتاق ئېچىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ شۇ جاينىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ساياھەت تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز.
چى جۇچۈەن مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى مۇھىم تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭ جۇڭگو ھەتتا دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلانماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركىزىي رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تەشۋىقاتىدا كۆپ نۇقتىدىن، ئىستېرېئولۇق ئىجادىي تارقىتىش ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «بىر جايغا بىر تەدبىر»نى يولغا قويۇشنى كېڭەيتىپ، نادىر، كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەدەنىيەتنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت- ساياھەت داڭلىق ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ «ساياھەت مەنزىلگاھى»دىن «مەدەنىيەتنى ھېس قىلىدىغان جاي»غا ھالقىپ ئۆتۈشىگە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك ھاياتىي كۈچ قوشتى.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت كەسىپ توپى تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2025- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە)» ئېلان قىلىندى. يىرىك پىلانغا ئاساسەن، شىنجاڭ «بىر يادرو، ئۈچ بەلباغ، تۆت مەركەز، كۆپ تۈگۈن»دىن ئىبارەت كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چۆرىدەپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە ئۈچ چوڭ ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرى ۋە 12 تۈرلۈك خاس كەسىپنى مەركەزلىك بەرپا قىلىدۇ. يىرىك پىلاندا كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2030- يىلىغا بارغاندا، شىنجاڭنىڭ يىللىق كۈتۈۋالىدىغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 400 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشۇرۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت- تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال تىجارەت كىرىمى 1 تىرىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.
جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك بىر قىسىم ئەزىز مېھمانلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. مالدىۋېنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فازېل ناجىب شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئەۋزەللىكىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تەرىپلەپ، مالدىۋېنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياپونىيەلىك دوستانە زات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى شياۋداۋ كاڭيۈ ئۆزىنىڭ 150 نەچچە قېتىم شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغاندىكى كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرگە جۇڭگو شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغانلىقى، تونۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شيېچېڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ گوچياڭ كارخانىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت ئىشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مەدەنىيەت- ساياھەت مەخسۇس فىلىمى ۋە مۇزىكىلىق ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى بىرلىكتە كۆردى.
ۋاڭ جيەنشىن رىياسەتچىلىك قىلدى. قادېن كەبىن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، جۇڭگو شاڭفېي شىركىتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، 33 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار، خەلقئارا ساياھەت تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دۆلەت ئىچىدىكى مەدەنىيەت- ساياھەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، نۇقتىلىق مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزا ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى، تور دارېنى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت كەسپى جەمئىيىتى، ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى، مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)