ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن) 5- ئاينىڭ 25- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە قىزىلگۈللەر ماڭدامدا بىر ئۇچرايتتى. قەدىمىي شەھەر كوچىلىرىنى سەيلە قىلغاندا، ئاھالىلەرنىڭ خىشتىن ئويۇلغان دېرىزە رامكىلىرى، تۆمۈردىن ياسالغان دەرۋازىلىرىدىكى قىزىلگۈل نەقىشلىرى خۇددى راستتەكلا كۆرۈنەتتى. ھويلىلارنىڭ ئىچى، تام تۈۋىلىرىگە قىزىلگۈللەر زىننەت بەرگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بەس- بەستە توختاپ سۈرەتكە تارتاتتى. مەززىلىك تائاملار ئاشخانىلىرىغا كىرگەندە، بىر ئىستاكان قىزىلگۈل چېيى ئىچسە ئادەمنىڭ روھىي كەيپىياتى كۆتۈرۈلۈپ قالاتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزىلگۈل ئامىلىدىن ياسالغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ساياھەتچىلەر ياقتۇرغان سوۋغات بولۇپ قالغانىدى.
5- ئاينىڭ 25- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى كوچىسىدا، قىزىلگۈل باچكا شورپىسىنىڭ مەززىلىك ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ، تەمى تولىمۇ يېيىشلىك بولۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى كۆرىدىغان ئۆزگىچە مەززىلىك تائام ھېسابلىنىدۇ. ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى
قەشقەرنىڭ ئېسىل تائاملىرىدا قىزىلگۈل كەم بولسا بولمايدۇ. شۇ جايدىكى تاماقخانىنىڭ قىزىلگۈل باچكا شورپىسى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى، باچكا قىزىلگۈل سېلىنغان خۇشپۇراق ماتېرىياللار بىلەن سۇس ئوتتا ئۇزاق دۈملىنىدۇ، شورپىسى قويۇق، گۆشى يۇمشاق چىقىدۇ. قىزىلگۈل قىيمىلىق قۇيماقنىڭ سىرتى چۈرۈك، ئىچى يېپىشقاق بولۇپ، كىشىگە چەكسىز لەززەت بېغىشلايتتى. يەرلىك قات- قات بەرگىلىك قىزىلگۈلدىن دەملەنگەن گۈل چاي تولىمۇ خۇش پۇراق بولۇپ، ساياھەتچىلەر ئارام ئالغان چاغدىكى ئالدىن تاللاش بولۇپ قالدى.
5- ئاينىڭ 25- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى قىزىلگۈل چېيى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ بىن فوتوسى
ئالاھىدە مەھسۇلاتلار دۇكىنىدا قەدىمىي ئۇسۇلدا تەييارلانغان گۈلقەنت، قىزىلگۈل ساپ شەبنىمى، قىزىلگۈل مېيى قاتارلىق مەھسۇلاتلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. مەدەنىيەت ئىجادىيىتى دۇكانلىرىدا قىزىلگۈل بىلەن قەدىمىي شەھەر ئىمارەتلىرىنىڭ نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ئاتكرىتكا، كاناپ سومكا، قىزىلگۈل كەشتىلەنگەن يىپەك ياغلىق قاتارلىق مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۇيۇملىرى مەدەنىيەت ئاساسى ۋە رومانتىكىلىقنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدىغان خاتىرە بۇيۇمىغا ئايلانغانىدى.
5- ئاينىڭ 25- كۈنى، ساياھەتچىلەر قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى قىزىلگۈل كوچىسىدا يوقلىمىدىن ئۆتمەكتە. جاڭ يۈخاڭ فوتوسى
5- ئاينىڭ 25- كۈنى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى، مىللىيچە كىيىنگەن ئارتىسلار ناغرا- دۇمباق ئاۋازىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى، ساياھەتچىلەر بەس- بەستە يان تېلېفونلىرىنى كۆتۈرۈپ خاتىرە قالدۇردى. جاڭ يۈخاڭ فوتوسى
سىچۇەن چېڭدۇدىن كەلگەن ساياھەتچى لى پېڭ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىلەتتىم، بۇ قېتىم كەلگىنىمدە قىزىلگۈل ئامىلى ئېلىپ كەلگەن رومانتىكا ۋە خۇشاللىقنىڭ <قورشاۋ>ىدا قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن، بۇ سەپىرىم ھەقىقەتەن بەك ئەرزىدى!»
بۈگۈنكى قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قىزىلگۈل ئامىلى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرگە ئۆزگىچە مەنزىرە بېغىشلىماقتا.