گۇاڭدۇڭنىڭ گۈزەللىكىگە نەزەر سېلىش | يازدىكى سەھرا تۇرمۇشى
12:48:47 2025-05-28 تىيانشان تورى

 باش يازدىكى گۇاڭجوۋدا ساياھەتچىلەر بەس- بەستە سەھرا تۇرمۇشىنى باشلاپ، يازدىكى سالقىنلىقنى ھېس قىلدى. گۇاڭجوۋ شەھىرى سۇڭخۇا رايونى يۆشيۇ فېڭشىڭ دۆلەت دەرىجىلىك سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىدە، يامغۇردىن كېيىن تاغلارنى تۇمان قاپلاپ، تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى چوڭ تىپتىكى كۆڭۈل ئېچىش مەيدانىغا ئايلاندى، ساياھەتچىلەر بەس- بەستە كېلىپ، تەبىئىيلىككە قايتىشتەك دالا ھۇزۇرىنى ھېس قىلدى.

 ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى «لۇڭتەن سەھرا مېھمانخانىسى»مۇ ساياھەتچىلەر بىلەن تولدى. 10 مىڭ مو شال ئېتىزى يېشىل دېڭىزغا ئايلىنىپ، ئاققۇتانلار دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتتى. مەيىن شامالدا، ساياھەتچىلەر يېشىللىقتا سەيلە قىلغاچ، شاللىقلار ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، خۇشال مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلاندى.

گۇاڭجوۋ شەھىرىنىڭ سۇڭخۇا رايونى ئاۋتوۋ بازىرىدا، يامغۇردىن كېيىن ئېگىزگە چىققاندا، تاغ ۋە شاللىقلار تۇمان ئىچىدە قالغاندەك كۆرۈنەتتى. خەلق تورى، تۇ شېڭ فوتوسى

تاغلارنى زىننەتلەپ تۇرغان كىچىك ئۆيلەر ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. خەلق تورى، تۇ شېڭ فوتوسى

ئاۋتوۋ 10 مىڭ مولۇق مۇنبەت ئېتىز ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا، شاللار شامالدا يەلپۈنۈپ، مول ھوسۇل ئېلىش «سۈرئىتى» تېزلىتىلدى.  خەلق تورى، يۈيىڭ فوتوسى

ساياھەتچىلەر شال ئېتىزلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ، بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.  خەلق تورى، ۋاڭ ياديې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125