قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى زور مىس چۆگۈننى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ياسىغان
11:35:36 2025-05-28 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسىپبېك

 «مەن مىس تۈنىكەگە بولقا ئۇرۇلغاندا چىققان ئاۋازنى ئاڭلاشنى ياقتۇرىمەن، ئۇخلىيالمىغاندا بۇ ئاۋازنى ئاڭلىساملا ئۇيقۇغا كېتىمەن، يەنە كېلىپ بەك ياخشى ئۇخلايمەن»، دېدى 21 ياشلىق ئابدۇقېيۇم ئەلى خىجىل بولغىنىچە كۈلۈپ تۇرۇپ.

 ئابدۇقېيۇم ۋە ئاكىسى ئابدۇرېھىم ئەلى قەشقەر مىس بۇيۇملىرى ياساش 6- ئەۋلاد ۋارىسى بولۇپ، ئۇلار كىچىكىدىن تارتىپ بوۋىسى ۋە دادىسىغا ئەگىشىپ مىس بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگەنگەن.

 5- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئابدۇقېيۇم قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان دۇكىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، بىر قەھۋە ئىستاكانىنىڭ تۇتقۇچىنى مۇقىملاشتۇرۇۋاتاتتى، ئويۇپ بولغان نەقىشلەرگە تېگىپ كېتىپ بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بولقىنى مىس ئىستاكاننىڭ گىرۋىكىگە ئېھتىيات بىلەن يېنىك ئۇردى، «بۇ، بىزنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىمىز، رەڭ بەرگەندىن كېيىن ئىنتايىن چىرايلىق تۈسكە كىرىدۇ، خېرىدارلار بەك ياقتۇردى!»

 دۇكان ئالدىغا 14 يىل ئىلگىرى تارتىلغان بىر پارچە سۈرەت ئېسىلغانىدى، بۇ، دادىسىنىڭ مىسكەرچىلىك دۇكىنى ئالدىدا، ئابدۇقېيۇم يەتتە ياش چېغىدا بوۋىسى، دادىسى، ئاكىسى، ئىنىسى ۋە دادىسىنىڭ بىرنەچچە شاگىرتى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەت بولۇپ، قىممەتلىك ئەسلىمە بولۇپ قالغانىدى. مەنزىرە رايونىدىكى دۇكان مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان دۇكان مەنزىرە رايونىنىڭ سىرتىغا كۆچۈرۈلگەنىدى، چۈنكى مەنزىرە رايونىدا ئادەم ئېقىمى كۆپ بولغاچقا، ئۇلار ياساش جەريانىدا پەيدا بولغان ئوت ئۇچقۇنىنىڭ ساياھەتچىلەرنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى.

 «ئاكام مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولغاچقا، دادام ئۇنىڭغا كۆپرەك ئۆگىتەتتى، مەن ياندا تۇرۇپ ياردەملىشەتتىم، ئون ياشتىن كېيىن ئاندىن ھۈنەر ئۆگىنىشنى ھەقىقىي باشلىدىم»، دېدى ئابدۇقېيۇم.

 دادىسى بالدۇرلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھۈنىرىنى ئۇلارغا تولۇق قالدۇرۇپ كەتكەنىدى. ماتېرىيال كېسىش، شەكىل چىقىرىش، تاۋلاش، پارقىرىتىش، نەقىش ئويۇش، سىلىقلاش... ئاكا- ئۇكا ئىككىسى بۇ ھۈنەرلەردە بۇرۇنلا كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، دۇكاندا تىزىلغان مۇتلەق كۆپ قىسىم مەھسۇلاتلار ئۇلارنىڭ قولىدىن چىققان، ئاكا- ئۇكا ئىككىسى ھەتتا خېرىدارلار تەسۋىرلەپ بەرسىلا مەھسۇلاتلارنى خېرىدار ياقتۇرىدىغان شەكىلدە ياسىيالايدۇ.

 تاڭ- تۇڭ قىلغان بولقا ئاۋازى ئابدۇقېيۇمنىڭ بالىلىق چاغلىرىغا ھەمراھ بولدى، ھەم ئۇنى ئۆزى ماڭماقچى بولغان يولنى تېپىشقا يېتەكلىدى.

 «ئىلگىرى مەن بۇ ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئويلاپ باقمىغانىدىم، كېيىن قىلغانسېرى ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم»، دېدى ئابدۇقېيۇم.

 ئابدۇقېيۇمنى «ھۈنەرنى قوغدىغۇچى» بولۇشقا جەلپ قىلغىنى دەل ھۈنەرۋەندە بولۇشقا تېگىشلىك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى. ئۇ ھەر قېتىم ئادەتتىكى مىس پارچىلىرىنىڭ ئۆز قولىدا ئويۇلۇپ، سوقۇلۇپ نەپىس، چىرايلىق سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە، ناھايىتى خۇشال بولىدۇ.

 «ئەڭ كىچىك مىس بۇيۇمنىمۇ بولقا بىلەن نەچچە يۈز قېتىم سوقمىسا تەلەپكە يەتمەيدۇ.» ئابدۇقېيۇم مۇنداق دېدى: «مەن باشقا تىجارەتلەرنى قىلىپ باققان، كېيىن يەنىلا دادامدىن قالغان ھۈنەرنىڭ ماڭا تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم».

 تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ ئابدۇقېيۇمغا داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچى بەردى. قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى بارغانسېرى گۈزەللەشتى، ئۇل ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، تىجارەت- سودا مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر- سەنئىتى بۇ جايدا يېڭى نۇر چاچتى، 60 نەچچە دۇكان ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە 40 نەچچە دۇكانغا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى دۇكىنى دېگەن بەلگە تاختىسى ئېسىلدى.

 ئىلگىرى، ئاكا- ئۇكا ئىككىسى ياسىغان مىس بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسمى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېمەك- ئىچمەك دۇكانلىرىغا سېتىلاتتى، بۈگۈنكى كۈندە، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا پارچە سېتىشتىن كىرگەن كىرىم سوممىسى ئۇلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىدى. ئۇلار يەنە بازار ئېھتىياجىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، قۇم قەھۋە ئوچىقى قاتارلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى ياساپ، مىس جابدۇق ۋە مىس جابدۇق ياساش جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ قىسقا سىن سۇپىسىغا يوللىدى، كىرىمى يىلدىن- يىلغا ياخشىلاندى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا، ئاكا- ئۇكا ئىككىسىنىڭ كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.

 «قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا بىر زور مىس چۆگۈن بار، بۇنى دەل بىز ياسىغان، يېقىندا بىز يەنە نۇرغۇن كەسىپداشلارنىڭ زاكازىنى تاپشۇرۇۋالدۇق، قەدىمىي قول ھۈنەر- سەنئىتى بىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى»، دېدى ئابدۇقېيۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125