تىيانشان تېغى ئېتىكىدە ئېچىلغان مېيخۇا گۈلى
16:30:12 2025-05-28 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 − ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۇنجى بولۇپ مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لى مىننىڭ 20 يىلغا سوزۇلغان تاۋلىنىش خاتىرىسى

 5- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى»دە باش رول ئېلىپ «مېيخۇا مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن شىچۈ تىياتىرى ئارتىسى لى مىن شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭ تۇپرىقىدا چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئىتىنى تارقاتقۇچى ۋە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى بولۇشنى خالايمەن. تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ، بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئىتىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

 2005- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى، شىنجاڭغا قاراپ كېتىۋاتقان پويىزدا 16 ياشلىق لى مىن ئولتۇراتتى. تېخى يېقىندىلا شەنشى ئۆلكىلىك سەنئەت شۆيۈەنى (2000- يىللىق شىنجاڭ سىنىپى)نى پۈتكۈزگەن لى مىن چىنچياڭ ئەلنەغمىسىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ ئارتىسلىقىغا تاللانغانىدى.

 20 يىلدىن كېيىن، 36 ياشلىق لى مىن كامالەتكە يەتكەن ئورۇنلاش ماھارىتى بىلەن كىشىلەرگە شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ئۇ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتقان 20 يىلدا تىيانشان ئېتىكىدە چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئىتى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان خۇش پۇراق چاچتى. ئۇ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىسىگە نەزەر سالغاندا، شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىيات- سەنئەت مۇنبەت تۇپرىقىنىڭ ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىنى ئوزۇقلاندۇرغانلىقىنى، ھەر مىللەت تىياتىر مەستانىلىرىنىڭ ئالقىش سادالىرى ۋە ئۈمىدى ئۇنىڭغا قىزىل پايانداز بولغانلىقىنى، ئۇنىڭدىكى چىڭ تۇرۇش ۋە قىزغىن سۆيۈش خۇددى تىيانشان تېغىنىڭ سۈزۈك، ئۈزۈلمەي ئاقىدىغان ئەگىز سۈيىدەك ئۇنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئاخىرى خۇش پۇراق مېيخۇا گۈلىنى ئېچىلدۇرغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكىنىڭ تارىخىنى 100 نەچچە يىل ئىلگىرىكى «شىنشېڭبەن»دىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. «جۇڭگو شىچۈ تىياتىرى خاتىرىسى»دە خاتىرىلىنىشىچە، شەنشى ۋە گەنسۇدىن شىنجاڭغا كەلگەن سەنئەتكارلار دەسلەپتە باڭزى چېلىپ، كوچا بويلاپ غەزەلخانلىق قىلىپ ياكى چىنچياڭ ئەلنەغمىسىدىن ئارىيە ئورۇنلاپ تىرىكچىلىك قىلغان. 1890- يىلىدىن باشلاپ، چىنچياڭ ئەلنەغمىسىگە ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان شەنشىلىك سودىگەرلەرنىڭ سېخىيلىق بىلەن ياردەم بېرىشى ئارقىسىدا، جاي- جايلارغا تارقىلىپ كەتكەن چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئەتكارلىرى جەم بولۇپ، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ئانسامبىلى − شىنشېڭبەننى قۇرغان، كېيىن شىنشېڭبەن تەدرىجىي «سەنخېبەن»، «تىيانشان تىياتىرخانىسى» ۋە «شىنجۇڭ سەھنىسى»گە ئۆزگەرتىلگەن. بۇلار دەل ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى)نىڭ ئاساسى.

 تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) «ئاق چاچلىق قىز»، «شياۋ ئېرخېينىڭ تويى» قاتارلىق ھازىرقى زامان تىياتىرلىرى بىلەن بىر قاتار ئەنئەنىۋى تىياتىرلارنى ئارقا- ئارقىدىن رېپېتىتسىيە قىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئانار دەڭ» قاتارلىق تىياتىرلارنى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان ۋە تەييارلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە تىياتىر ئۆمىكى ئىجاد قىلغان ۋە تەييارلىغان ھازىرقى زامان چىنچياڭ ئەلنەغمىسى تىياتىرى − «خۇڭسەن مۇنارى ئاستىدا» يەنە «دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ 2024- يىللىق چوڭ تىپتىكى سەھنە سەنئەت ئىجادىيەت تۈرى تۈر تۇرغۇزۇش ياردىمى»گە ئېرىشكەن.

 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا شىچۈ تىياتىرى ساھەسى يەنە بىر قېتىم ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. ئەينى چاغدا پۈتكۈل جەمئىيەت ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دۇچ كەلگەنلىكتىن، ئارتىسلارنىڭ تىياتىر ئۆمىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، تەرەپ- تەرەپتىن يېزىلارغا چۈشۈپ ئويۇن قويغانلىقى تىياتىر ئۆمىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ تيەنۋېننىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە.

 جاڭ تيەنۋېن مۇنداق دېدى: «ئارتىسلار ئويۇن قويغىلى ماڭغاندا، دائىم يۈك ئاپتوموبىلىغا ئولتۇراتتى، دالىدا يېتىپ- قوپاتتى، شارائىت ھەقىقەتەن جاپالىق ئىدى، بارغان يېرىمىزدە سەھنە بولمىسا، بىرەر تەكشى يەرنى تېپىپ، چوڭ پەردىنى تارتىپ سەھنە قىلىپ ئويۇن قوياتتۇق، ھەر ھەپتىدە مورى ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسىگە قاترايتتۇق، ئۇ يەرلەردە تىياتىرخانا بولمىغاچقا، ئاددىي ئۆيلەردە تۇراتتۇق».

 دەل شۇ چاغدا ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسى ئىللىق تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋالدى. 1984- يىلى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇڭگو تىياتىر ساھەسىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «مېيخۇا مۇكاپاتى»نى باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، ليۇ چاڭيۈ، لى ۋېيكاڭ، گو زېمىن، گۇ ۋېنيۆ، ليۇ يۈلىڭ، ۋاڭ مەنچىن قاتارلىق شىچۈ تىياتىرى ئارتىسلىرى ۋە لى شۆجيەن، شاڭ لىجۈەن قاتارلىق دىراما ئارتىسلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

 تۇنجى نۆۋەتلىك «مېيخۇا مۇكاپاتى» ئېلان قىلىنغاندا، شىنجاڭلىق ئارتىسلاردىن بىرەرسىمۇ تىزىملىككە كىرەلمىدى، «بىز قاچان مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشەرمىز؟» دېگەن بۇ ئارزۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلب تۈگۈنىگە ئايلاندى.

 2003- يىلى تىياتىر ئۆمىكى ئارقا- ئارقىدىن شەنشى سەنئەت مەكتىپىنى پۈتكۈزگەنلەرنى كىرگۈزدى، لى مىن دەل شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى. بۇ ياشلار بۈگۈنكى كۈندە تىياتىر ئۆمىكىدىكى تايانچ كۈچلەرگە ئايلاندى، ئەينى يىللاردىكى ئاشۇ «كىچىك مېيخۇا گۈلى» ئۇرۇقى ھازىر تىيانشان ئېتىكىدە بىخ چىقىرىپ چېچەكلىمەكتە.

 لى مىن 1989- يىلى شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى سەنجاڭجېن بازىرىدا تۇغۇلغان، ئۇ ۋېيخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، چىنچياڭ ئەلنەغمىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ئۇ خۇددى ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا قويغان ئىسىمدىكىدەكلا، كىچىكىدىن ئەقىللىق ۋە زېرەك ئىدى.

 لى مىن شۇ چاغدىكى يېشى ئەڭ كىچىك، دائىم ئېكرانغا چىقىپ تۇرىدىغان، ھەممە يەردە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئىتى ساھەسىدىكى بالا چولپانغا ئايلانغان. بوۋىسى بىلەن مومىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن، گۆدەك لى مىن شىئەن، نەنجىڭ، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، تالانتىنى نامايان قىلغان ھەم سەككىز، توققۇز ياش ۋاقتىدا ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۆسمۈرلەر شىچۈ تىياتىرى سەنئىتى كىچىك مېيخۇا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

 1999- يىلى لى مىننىڭ ئاتا- ئانىسى چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن لى مىننى ئۆلكىلىك سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتىھان بەرگۈزدى. «شۇ يىلى پەقەت بىرلا نىڭشيا سىنىپى بار ئىدى، مۇئەللىم مېنىڭ بويۇمنىڭ پاكارلىقى، يېشىمنىڭ كىچىكلىكىنى كۆرۈپ، ماڭا كېلەر يىلى قايتا ئىمتىھان بېرىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى». ئىككىنچى يىلى لى مىن ئويلىمىغان يەردىن ئەينى چاغدىكى ئۆلكىلىك سەنئەت مەكتىپىدىكى بىردىنبىر چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سىنىپى − شىنجاڭ سىنىپىغا ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، لى مىن شىنجاڭغا رىشتە باغلىدى.

 لى مىن بەش يىللىق سەنئەت مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ، «مەن بەك تەلەيلىك» دېدى. ئۇنىڭ تەلەيلىكلىكى ئۇنىڭ چىدامچانلىقىدا ئىدى؛ ئۇنىڭ تەلەيلىكلىكى ئۇنىڭ ما لەنيۈ، لى رۇيفاڭ، جاڭ يۇڭخۇا قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى ئوقۇتقۇچىنى ئۇچراتقانلىقىدا، بۇ سەنئەت پېشۋالىرى ئۇنىڭغا شىچۈ تىياتىرى ئاساسىي ماھارىتىنى ئۆگەتكەنلىكىدە ئىدى.

 لى مىن شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە، 30 نەچچە ساۋاقدىشىغا ئوخشاش بۇ جاينىڭ «ئويلىغىنىدەك» ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا يېڭى كەلگەندە ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشالماي، قىزىپ زۇكامداپ قالدىم؛ ھەربىرىمىزگە ھەر ئايدا پەقەت نەچچە ئون يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىلەتتى. شۇ ئىككى يىلدا بەزى ساۋاقداشلىرىم ۋاز كەچتى، لېكىن مەن ئاتا- ئانامنىڭ مېنى تەربىيەلەشكە كۆپ ئەجىر قىلدى، ئارزۇيۇم بولغانىكەن چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلىدىم.

 لى مىننىڭ بۇ يەردە قېلىشىغا ئارزۇسىدىن باشقا، يەنە تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ياشلارغا ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى ھازىرلاپ بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان. شىنجاڭغا يېڭى كەلگەن ئاشۇ يىللاردىكى بىرنەچچە قېتىملىق باھار بايرىمىدا بالىلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا بولغان سېغىنىشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئۆمەكتىكى پېشقەدەم خىزمەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى قورۇما، بەزىلىرى شورپا تەييارلاپ، رېپېتىتسىيە مەيدانىغا ئېلىپ بېرىپ، بالىلار بىلەن بىللە ھارپا كېچىسى تامىقى يېگەنلىكى لى مىن ۋە ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىق ئېسىدە تۇرۇپتۇ.

 لى مىننى تەسىرلەندۈرگەنلەردىن يەنە شىنجاڭلىق تاماشىبىنلارمۇ بار. بىر قېتىم بىر تاماشىبىن سەھنىدە نومۇر ئورۇنلاۋاتقان لى مىننىڭ زۇكامداپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئويۇن ئاخىرلىشىشىغىلا ئۇنىڭغا زۇكام دورىسى بىلەن مىنېرال سۇ يەتكۈزۈپ بەردى؛ لى مىن بىلەن ئوبدان تونۇشىدىغان بەزى تاماشىبىنلار ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ تۇردى، ئۇنىڭغا خۇددى ئۆز بالىسىدەك مۇئامىلە قىلدى؛ قارامايدىكى شىچۈ تىياتىرى مەستانىلىرى ئۇلارنى ئۇدا سەككىز يىل ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلدى...

 تىياتىر ئۆمىكى 2024- يىلى يازدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ ئويۇن قويدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەمىمىي تەبەسسۇمى ۋە قىزغىن ئالقىش ساداسى لى مىننى چەكسىز ئىللىقلىققا چۆمدۈردى، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، شىچۈ تىياتىرى ئۆگىنىشكە تەلپۈنۈشلىرىدىن ئۆزىنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلدى.

 چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىدىن ھال سوراش ئويۇنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى. لى مىن مۇنداق دېدى: «بىز ئەينى چاغدا چېگرا لىنىيەسى ئەتراپىدىكى قىسىمدىن ھال سوراش ئويۇنى قويغىلى باردۇق، ئاپتوبۇس تاغ يولىدا كېتىۋاتاتتى، بورانغا قارىماي يول بويىدا رەتلىك تىزىلىپ بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى بىزگە سالام بەردى، تىنچ- ئامان تۇرمۇشىمىزنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىزنى كېچە- كۈندۈز قوغدىشىدىن كەلگەنلىكىنى ئويلاپ، كۆز ياشلىرىم تاراملاپ تۆكۈلدى».

 ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى تىياتىر مەستانىلىرى ۋە تاماشىبىنلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاددىي مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن مېنى تەسىرلەندۈردى، بۇ چوڭقۇر دوستلۇق مېنىڭ بۇ يەردە مەڭگۈ يىلتىز تارتىپ، ئۆمۈر بويى ئۇلار ئۈچۈن ھەربىر شىچۈ تىياتىرىنى ياخشى ئورۇنلاش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى».

 لى مىن 2024- يىلى 6- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچى شىنجۇڭ تىياتىرخانىسىدا جېزى تىياتىرى مەخسۇس ئويۇنى قويدى، بۇ ئارتىسلارنىڭ تۇنجى قېتىم يالغۇز كىشىلىك ئويۇن قويۇشى ئىدى.

 لى مىن ناخشا ئېيتىش ماھارىتى، يەلپۈگۈچ يەڭ ھەرىكىتى، ئۇسسۇل ماھارىتى بىلەن نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا ئېسىل نومۇر ئورۇنلاپ بېرىش بىلەن بىللە، شەھىرىمىزنىڭ تىياتىر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى.

 لى مىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ناخشا ئېيتىشتا ئەۋزەللىكىم بار، لېكىن <مېيخۇا مۇكاپاتى>غا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىكى ماھارىتىمنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرمىسەم بولمايتتى». 2022- يىلىدىن باشلاپ، 1- دەرىجىلىك رېژىسسور خې خۇڭشىڭنىڭ قوللىشى ۋە تەكلىپ بېرىشى بىلەن، لى مىن «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى»نى رېپېتىتسىيە قىلىشقا باشلىدى.

 لى مىن ئۆزىنىڭ «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى»نى رېپېتىتسىيە قىلىش جەريانىنى ئەسلەپ، بۇنىڭ ئۆزىنىڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىش جەريانى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، لى مىن دائىم شىنجاڭ بىلەن شەنشى ئارىلىقىدا قاتراپ، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى ئۇستىسى چى ئەييۈن مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھەربىر ئىنچىكە ھەرىكەتلەرگىچە مەشىق قىلىپ، ھەر كۈنى تۆت- بەش سائەت رېپېتىتسىيە قىلدى.

 2017- يىلى 10- ئاينىڭ 27- كۈنى كەچتە ، ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان جۇڭگو چىنچياڭ ئەلنەغمىسى مۇنەۋۋەر كۆرەك كېچىلىكىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) يىسۇشې ئۆمىكىنىڭ زالىدا شىئەندىكى تاماشىبىنلارغا چىنچياڭ ئەلنەغمىسى «يوۋ گۈيشەن»نى تەقدىم قىلدى، 1- دەرىجىلىك ئارتىس ياۋ جىخۇا، ۋاڭ ۋېي، ۋاڭ شياۋدى، مۇنەۋۋەر ياش ئارتىس لى مىن، لېي جېن، لى شياۋمىڭ، چى فېڭچۇن، گو رۇيجۈن قاتارلىقلار بىرلىكتە ئويۇن قويدى.

 لى مىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا كۆڭلۈمدە سان يوق ئىدى، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم كەمچىل ئىدى. شىئەندە يۈزىمىزنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم، نېمىلا دېگەن بىلەن يىسۇشې ئۆمىكى چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئىتى سارىيى، بۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ھەممىسى كەسىپ ئەھلى. رولنى ياخشى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر كۈنى قايتا- قايتا مۇلاھىزە قىلىپ، ئاھاڭدىن تارتىپ بەدەن شەكلىگىچە بولغان ھەربىر تەپسىلاتنى تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشتىم».

 ئويۇن قويۇلغان كۈنى، يىسۇشې ئۆمىكىنىڭ زالى ئادەم بىلەن لىق تولدى. پەردە ئېچىلغاندا لى مىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خۇ فېڭليەننىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالدى. تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. لى مىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يۇرتداشلارنىڭ بىزگە بولغان ھۆرمىتى. ئۇلارنىڭ ئالقىش سادالىرى ماڭا زور ئىلھام بولدى».

 بەش يىلدىن كېيىنكى 2022- يىلى يەنە شۇ شىئەندە ئۆتكۈزۈلگەن 9- نۆۋەتلىك جۇڭگو چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئەت بايرىمىدا، لى مىن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، ئۇ «جادو ئاستىدىكى خۇڭمېي» ناملىق يۈجۈ تىياتىرىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن شۇ ناملىق چىنچياڭ ئەلنەغمىسىدە رول ئېلىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشتى ھەمدە «9- نۆۋەتلىك جۇڭگو چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئەت بايرىمىدا ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنغان تىياتىر» شەرىپىگە ئېرىشتى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يۈ يىڭلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى» قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ تەڭ يېتىشكەن بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان، ئېيتىش بىلەن ئوقۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان يېڭى ئىجادىي تىياتىر بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇھەببەتكە سادىق قىز جياۋ گۇييىڭ بىلەن ۋاپاسىز ياش تەلەپكار ۋاڭ كۇينىڭ مۇھەببەت ۋە نەپرەت توقۇنۇشى بايان قىلىنىدۇ.

 تىياتىرنىڭ ئاساسلىق ئىجادچىسى، 1- دەرىجىلىك رېژىسسور خې خۇڭشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى» شىچۈ تىياتىرىنىڭ ھەرقايسى چوڭ تۈرلىرىدە بار ئەنئەنىۋى تىياتىر. مەن 2017- يىلىدىن باشلاپ چىنچياڭ ئەلنەغمىسى «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى»گە رېژىسسورلۇق قىلىشقا باشلىدىم، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ تىياتىرغا 13 يىل تەييارلىق قىلدىم. بۇ قېتىم ئۈرۈمچى شەھەرلىك چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى (شىنجاڭ چىنجۈ تىياتىرى ئۆمىكى) ئورۇنلىغان «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى»دە جۇڭخۇا تىياتىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئورۇنلاش جەۋھەرلىرى نامايان قىلىنىپ، ئارتىسلارنىڭ ئېيتىش، ئوقۇش، ھەرىكەت، ماھارەت كۆرسىتىش ۋە ئۇسسۇل ئويناش ئاساسىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇلار بۇ تىياتىردىكى يارقىن نۇقتىلاردۇر.

 بۇ يىل 5- ئاينىڭ بېشىدا «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى» ئۈرۈمچى جىڭجۈ تىياتىرخانىسىدا رېپېتىتسىيە قىلىنىپ، ئاخىرقى قېتىملىق مەشىق تاماملاندى. 5- ئاينىڭ 16- كۈنى «كۈجە كۆيدۈرۈش خاتىرىسى» 10- نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىرى مۇكاپاتى. مېيخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتى (32- نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتى)نىڭ ئاخىرقى باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىن كەلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى مۇسابىقىگە چۈشتى.

 5- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچتە، 10- نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىرى مۇكاپاتى. مېيخۇا ئورۇنلاش مۇكاپاتى (32- نۆۋەتلىك جۇڭگو تىياتىرى مېيخۇا مۇكاپاتى)نى تارقىتىش مۇراسىمىدا، لى مىن «مېيخۇا مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن چەكسىز ھاياجانلىنىۋاتىمەن، قەلبىم مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا تولدى. بۇ مېنىڭ سەنئەت ھاياتىمدىكى ئۇنتۇلغۇسىز پەيت بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېنىڭ 20 نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىمغا بولغان بىر قېتىملىق مۇھىم باھالاش ۋە ئېتىراپ قىلىشتۇر».

 لى مىن مۇنداق دېدى: «مەن شىنجاڭ تۇپرىقىدا چىنچياڭ ئەلنەغمىسىنى تارقاتقۇچى ۋە ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى بولۇشنى خالايمەن. بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدا تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ بولۇپمۇ ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ چىنچياڭ ئەلنەغمىسى سەنئىتىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. <مېيخۇا مۇكاپاتى>غا ئېرىشىشكە ئاتلىنىش مېنىڭ سەنئەت ئىنتىلىشىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېنى يېتىشتۈرگەن بۇ مېھىرلىك تۇپراققا بەرگەن ئەڭ ياخشى جاۋابىم!». (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125