ما شىڭرۇي قىزىلسۇ ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك
5- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي ئاتۇش شەھىرىنىڭ قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپىگە كېلىپ، چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى سەمىمىي يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 5- ئاينىڭ 27- كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قاتتىق ئىنتىزام ۋە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يېقىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېيىت باشلانغۇچ مەكتىپى چېگرانى قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى مۇلازىمەت ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەترەت ئەزالىرىغا مەخسۇس جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كەڭ ياشلارغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ما شىڭرۇي مەكتەپكە كېلىپ، پىدائىيلارنى سەمىمىي يوقلىدى. تۇرمۇشقا كۆنەلىدىڭلارمۇ؟ تاماق ۋە ياتاق شارائىتىڭلار قانداقراق؟ قانداق قىيىنچىلىقىڭلار بار؟ ما شىڭرۇي كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، غەربىي قىسىم چېگرا رايونىغا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىغا كېلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ روھىي قىياپىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدىڭلار. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مائارىپقا ئەڭ ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلارغا ئەڭ ئېھتىياجلىق، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلار ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. سىلەرنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭدا قېلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈڭلارنى تەقدىم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى تاپىلىدى. «1- ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ما شىڭرۇي پۈتۈن شىنجاڭدىكى كىچىك دوستلارنىڭ بايرامنى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ھازىر، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. ما شىڭرۇي قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ۋە ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىگە كېلىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدا، ئۇ قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلاپ، شۇ جاينىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي، مەكتەپ تامىقى، يېزا يېرى، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى تىپىك مەسىلىلەرنى تۈزەش ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمىنى ئىگىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سالماقنى داۋاملىق زورايتىپ، دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم ئەمەلىي مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قەتئىي جازالاپ، ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارغا ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەرنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. تەشكىلات بۆلۈمىدە، ما شىڭرۇي ئالاقىدار يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى قاتتىق، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شەكىلۋازلىق قىلىش، يۈزەكى ئىش قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىنتىزامنى ئۆگىنىش، ئىنتىزامنى بىلىش، ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشقا زور كۈچ بىلەن يېتەكلەپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. بولۇپمۇ ئۆز رايونىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر تىپىك دېلولاردىن ئىبرەت ئېلىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي يەنە ئاتۇش شەھىرىنىڭ شەھەر- يېزا كەسىپ تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ قاراجول يېزىسى يىسەيفاڭ قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ياساش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر- سەنئىتى ئارقىلىق ئۆزگىچە تىۋىت مەھسۇلاتلىرىنى ياساش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كۆپچىلىكنىڭ ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئېلىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ خاس كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۇسۇلىنى ماختىدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقان- چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدىكى بىر تۈرلۈك گەۋدىلىك مۇھىم ۋەزىپە. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مىللىي ئېپوس «ماناس» قاتارلىق مەدەنىيەت گۆھەرلىرىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. ئاتۇش شەھىرى خۇەنچوۋ كانچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ كان رايونىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شۇ جايدىكى قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ تارقىلىشى ۋە ئېچىش خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى بايلىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يېشىل كانچىلىقنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر- بىرىنى تولۇقلاش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش، ناھىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بېيىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز شارائىتى ۋە ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرى، جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورىلىرى قاتارلىق يېزا- كەنتلەردىكى خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى تېزلىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى تۆۋەن چەك ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.