تامىقىمىز تېتىمىسا، پۇلىڭىزنى تولۇق قايتۇرىمىز!
رازى بولمىسىڭىز، پۇلىڭىزنى تولۇق قايتۇرىمىز!
ساياھەتچىلىك ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ
ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسى
«تامىقىمىز تېتىمىسا، پۇلىڭىزنى تولۇق قايتۇرىمىز»دىن ئىبارەت سەمىمىيەت پائالىيىتىنى يولغا قويدى
5- ئاينىڭ 26- كۈنى، ساياھەتچى ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا «تامىقىمىز تېتىمىسا، پۇلىڭىزنى تولۇق قايتۇرىمىز» دېگەن سەمىمىيەت پائالىيىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئىگىلىمەكتە. ياڭ كۈن فوتوسى
5- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈش سائەت 12:00دە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. سارغىيىپ پىشقان چۈرۈك تونۇر كاۋىپى، ھورى چىقىپ تۇرغان پېتىر مانتا قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرەتتى. ئاشخانا خىزمەتچىلىرى ئەپچىللىك بىلەن كاۋاپ ئۆتكۈزەتتى، مانتا تۈگەتتى، تونۇر كاۋىپىنى توغرايتتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ، كۆڭلىگە ياققان مەززىلىك تائاملارنى تاللاپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە تائاملارنىڭ تەمىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولاتتى.
بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ قارىسىڭىز، كۆزگە چېلىقىدىغان ئاسما تاختىغا يېزىلغان «ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ! تامىقىمىز تېتىمىسا، پۇلىڭىزنى تولۇق قايتۇرىمىز» دېگەن خەتلەر كۆزگە روشەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئاستىغا يەنە ئەرز- تەكلىپ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنىڭ تېلېفون نومۇرى قالدۇرۇلغان ئىدى. ھەر بىر مەززىلىك تائام كوچىسى ئېغىزىغا «بۈگۈن مەن نۆۋەتچىلىك قىلىمەن» مەخسۇس قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىنغان، كوچا رايونىدا «مەسىلە بولسا مېنى ئىزدەڭ» مۇلازىمەت سۇپىسى تەسىس قىلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىگە ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىنغان ئىدى.
كوچا ئىچىدىكى «ئۈرۈمچى چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ! تامىقىمىز تېتىمىسا، پۇلىڭىزنى تولۇق قايتۇرىمىز» دېگەن ئاسما تاختا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ. (سۈرەت «ئۈرۈمچى شەھىرى نۆل ئارىلىق» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدىن ئېلىنغان)
«بۇ ۋەدە بەك سەمىمىي بوپتۇ! ساياھەتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىستېمالدا تېخىمۇ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدۇق، ھېس قىلىش تۇيغۇمىز زور دەرىجىدە ئاشتى، چوقۇم شىنجاڭنى ئالقىشلىشىمىز كېرەك!» گۇاڭدۇڭ فوشەندىن كەلگەن ساياھەتچى لى چىچى ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئۇدۇل چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا كەلگەن بولۇپ، قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەت ئۇنىڭ سەپىرىدىكى ياخشى باشلىنىش بولدى.
ئۈرۈمچىدىكى ئەڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك مەززىلىك تائام مەدەنىيىتى يەر بەلگىسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 200 مېتىر بولۇپ، مەززىلىك تائاملارنى ھېس قىلىش، قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ۋە خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، مەززىلىك تائاملار رايونىدا كاۋاپ، بېلىق كاۋىپى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان غاز تۇخۇمى، قېتىق زۇڭزا قاتارلىق 100 خىلغا يېقىن ئالاھىدە ئۇششاق يېمەكلىك بار بولۇپ، 2025- يىللىق چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىلا بىر كۈندە كۈتۈۋالغان خېرىدار مىقدارى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، قىزىق نۇقتىلىق يوقلىمىدىن ئۆتىدىغان جايغا ئايلاندى.
فوشەندىن كەلگەن ساياھەتچى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى قىزغىن، ئەتراپلىق مۇلازىمەتنى ئالقىشلىدى. (سۈرەت ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىنغان)
«ساياھەتچىلەرنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىگە ئاساسەن، بىز مەززىلىك تائاملار كوچىسى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردۇق، مۇلازىمەتچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق، ھەر ئايدا يەنە بەزى يېڭى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالىمىز. يېمەكلىك ماتىرىيالى جەھەتتە، بىز كەسپىي كوللېكتىپنى يېمەكلىك ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەشكە تەكلىپ قىلدۇق ھەمدە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ نازارەت قىلدۇق، بۇ ئارقىلىق يېمەكلىك ماتېرىياللىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ساياھەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق»، دېدى ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ باۋجيەن.