ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
10:43:11 2025-05-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، غايە- ئېتىقاد تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى، ئاساسىي ئېقىم ئاممىۋى پىكرى، ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىنى سىجىل زورايتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان روھىي قىياپەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىجىل تۈردە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى تۇتاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا زامانىۋى مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش باشتىن- ئاخىر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئالاھىدە مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ھازىرقى خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق قىلىش ئىدىيەسىنى يېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك. شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تۈزۈم- مېخانىزمىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، خىزمەت سىستېمىسى ۋە كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىرىش خاراكتېرلىك تېررورلۇق ھۇجۇمى خەۋپ- خەتىرىدىن قاتتىق، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. دۇەنۋۇ بايرىمى، قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خۇشال ۋە ئىناق كەيپىياتتا بايرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125