ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
10:48:31 2025-05-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئىسلاھاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا «تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» ۋە «شىنجاڭنىڭ سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەمىنات- سودا كوپىراتىپىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تۈپ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش نىشانىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تۈزۈلمە مېخانىزم ۋە تىجارەت ئەندىزىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوپىراتىپ بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كارخانا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت دېھقانلار ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇن قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى قۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سانائەت ئىشچىلىرى ماھارەت يېتىلدۈرۈش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىلىم تىپىدىكى، ماھارەت تىپىدىكى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى سانائەت ئىشچىلىرى چوڭ قوشۇنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش كېرەك.

 يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يورۇقلۇق ۋولت تۈرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى، كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشنى تىزىملاش ئىسلاھاتىنى مەخسۇس نازارەت قىلىش ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى قاراشنى سىجىل ئۆزگەرتىپ، سىستېمىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت- ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەت ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىل كانچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ، دىققەتنى تۈزۈلمە خاراكتېرلىك، مېخانىزم خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات تەپەككۇرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. «ھۆكۈمەت» فۇنكسىيەسىنى سىجىل تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدار- سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تۇەن- مەيدانلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھاتىنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 12- ، 13- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، يېزا يېرى، مالىيە باشقۇرۇش، تېببىي دورا- سەھىيە، مەمۇرىي ئورۇنلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاپ، يىرىك پىلان ۋەزىپىسى بىلەن زىچ جىپسىلاشتۇرۇش، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125