گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، «شاھمات كۆزى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ چىقىش
13:57:48 2025-05-31 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى

 شىن جېڭيەن

 شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى. شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بۇ شاھمات كۆزىنى جانلاندۇرۇش ئاچقۇچ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلىغاندا، باشتىن- ئاخىر جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، جەنۇبىي شىنجاڭ شاھمات كۆزى» بولۇشنىڭ چوڭقۇر ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ۋەزىيەتنى ئومۇملۇق جەھەتتىن كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق قەدەم ئېلىپ، مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

 ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش مۇقىم يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلىدى

 جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىش − 1: جەمئىيەت مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ۋەزىيەت كۈنسېرى ياخشىلاندى، ھاياتىي كۈچى ۋە جەلپكارلىقى تېخىمۇ ئاشتى

 شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى شىنجاڭنىڭ ۋە غەربىي شىمالنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك» دېگەن تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەشكىلات سىستېمىسى ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو- ۋەقەسى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى. ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولدى. ئاساسىي قاتلامنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ، ساقچى كۈچى بايلىقىنى ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىگە ئەۋەتىشكە تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق يېزا- كەنتلەردە 1- شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى تۈزۈمىنى ئەلالاشتۇردى، نەچچە يۈز مىڭ كادىر ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا ئاتلىنىپ، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملىدى، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى. جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولغان ۋەزىيەت سىجىل مۇستەھكەملەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، جىنايى ئىشلار دېلوسى، ئامانلىق دېلوسى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەسى زور دەرىجىدە ئازايدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى ھەسسىلەپ ئاشتى، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى ئاڭلىق قوغداش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئۆستى، بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە تىنچ- ئىناق بولغان ياخشى مەنزىرە نامايان بولدى. مۇقىملىق پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى زاتلار مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان مېھىرلىك تۇپراققا ئايلانماقتا. 2021- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۈرلۈك بازار تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ سانى 847 مىڭدىن كۆپىيىپ 1 مىليون 56 مىڭغا يەتتى. گۈزەل جەنۇبىي شىنجاڭ بارغانسېرى كۆپ كىشىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك جايغا ئايلاندى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، يەكەن قەدىمىي كوچىسى، پامىر ئېگىزلىكى، قۇملۇقتىكى توغراقلىق قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەنزىرە نۇقتىلىرى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى. 2024- يىلى، جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 160 مىليون ئادەم قېتىم بولدى. بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭ سىرتتىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ نەزەرىدە «ئامانلىق باشقۇرۇش ئەڭ ياخشى، جەمئىيەت مۇھىتى ئەڭ بىخەتەر، مۇقىملىق ۋەزىيىتى ئەڭ خاتىرجەم» جايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ئىلگىرىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسا كۆپچىلىكنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ كېتىدىغان، جەنۇبىي شىنجاڭنى بىخەتەر ئەمەس دېگەن بىلەن تەڭ ئورۇندا قويىدىغان ئەھۋال كەلمەسكە كەتتى.

 كەسىپ ئارقىلىق قان ئىشلەش تەرەققىيات موتورىنى قوزغاتتى

 جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىش − 2: ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىكىر يولى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى

 شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەرەققىيات يەنىلا شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى، جەزمەن ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك» دېگەن تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى مۇقىملىققا قويۇپ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى ئەۋزەللىككە مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ رايون خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرمەكتە. 2021- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ GDPسى 481 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 612 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %27.2 ئېشىپ، تارىختا تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز بولغان مەزگىلدە تۇرماقتا. خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېز تەرەققىي قىلدى. ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى ۋە باغۋەنچىلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چۆل- باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2024- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاشلىق، پاختا، تۈرلۈك گۆش، باغ- ئورمان مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 8 مىليون 601 مىڭ 900 توننا، 2 مىليون 688 مىڭ 200 توننا، 794 مىڭ 500 توننا، 7 مىليون 624 مىڭ 500 توننىغا يېتىپ، بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىن چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندى. چىلان، ياڭاق، ئالما، ئۆرۈك، شىنمېي قاتارلىق خاس باغ- ئورمان مەھسۇلاتلىرى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ چوڭ مېۋىلىك باغنى ھەر تەرەپكە خۇش پۇراق چاچقۇزدى، پاختا، شوخلا، لازا، ئەتىرگۈل قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ تۇپراقنى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان قىياپەتتە بېزەپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈككە ئايلاندۇردى. ئەۋزەل بايلىقلارنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش تېزلىتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ تارىمنى چۆرىدىگەن 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلدى، مايتاغ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ تارىم يىلىغا 1 مىليون 200 مىڭ توننىلىق ئېتىلېن ئىشلەپچىقىرىش تۈرىدە قۇرۇلۇش باشلاندى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى 10 مىڭ توننا دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت، يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى كۇچادا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، تارىم نېفىتلىكىدە 10 مىڭ مېتىرلىق ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قۇدۇق بۇرغىلاش بويىچە ئاسىيا رېكورتى يېڭىلاندى، خوتەن چوڭ يۇلغۇنساي لىتىي- بېرىللىي كېنى ھەم لىتىي كاربونات تۈرىنىڭ تۇنجى قارارلىق قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قىزىلچاپ قوغۇشۇن- سىنك كېنىنىڭ مېتال تاۋلاش تۈرىدە ئوت يېقىش تاماملاندى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4- لىنىيەسى توك مەنبەسى تۈرىدە چاقىلىقتا ئىش باشلاندى، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى مۇجەسسەملەندى. 2024- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى 152 مىليارد 970 مىليون يۈەنگە يېتىپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىيىتى تەدرىجىي نامايان بولدى. سىرتقا ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش چوڭ ئەندىزىسىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تارىخىي پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، جەلپ قىلىنغان كارخانا ئومۇمىي سانى 3794كە يەتتى. ئەركەشتام، تورغات پورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى سىجىل ئاشتى، جۇڭگو- قىرغىزىستان بەدەل پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يۈرۈشتۈرۈلدى، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى، سىرتقا ئېچىۋېتىش جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى. 2024- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودا ئومۇمىي سوممىسى 133 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە يەتتى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ %33.9 ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە ياراتتى. ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. بايىنغولىن ئوبلاستى − تىكەنلىك − چاقىلىق 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش- بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق ئېلېكتىر تورى پات ئارىدا ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇلىدۇ. ئاراتاش قاتارلىق تاغلىق رايونلاردىكى بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى سۇچىلىق تۈگۈن قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ، يەكەن دەرياسىدىكى مىڭ يىللىق سۇ ئاپىتى تۈپتىن تىزگىنلىنىپ، ۋادىدىكى 2 مىليون 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە بەخت يارىتىلدى. ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى تىيانشان تېغىنى «تېشىپ ئۆتتى»، تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن تۆمۈريول يېپىق ھالقا شەكىللەندۈردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بىردەك تۆمۈريول تۇتاشتۇرۇلدى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول دەۋرىگە كىردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، قاتناش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

 ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى

 جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىش − 3: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئاشتى

 شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇش» دېگەن تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىپ، مالىيە چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، چوڭ- چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل تۈردە جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلدى. كوئىنلۇن تېغى ئېتىكىگە كۆمۈلگەن مىڭ يىللىق نامراتلىق يىلتىزى پۈتۈنلەي قومۇرۇپ تاشلاندى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدى. 2024- يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەردە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىنىڭ «مۇقىم بەختى»گە تىرەك بولدى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەر، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيەت- ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنىنى تىرىشىپ ياراتتى، ھەر مىللەت ئامما ئېتىز بېشىدىن زاۋۇت- سېخلىرىغا كىرىپ، دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە بولدى. مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغىچە بولغان 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مىليونلىغان بالىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت «كىتاب ئوقۇش ئارزۇسى» رېئاللىققا ئايلاندى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، بارغانسېرى كۆپ بالا ئىشىكى ئالدىدىلا داشۆدە ئوقۇيالايدىغان بولدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. داۋالاش سەۋىيەسى مۇقىم ئۆستى. ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى بىلەن تولۇق قاپلاش، ھەممە كەنتتە لاياقەتلىك كەنت دوختۇرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ھەر مىللەت ئامما ئىشىكى ئالدىدىلا ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كېسەل كۆرسىتىشى تەسكە چۈشمەيدىغان، يىراققا قاترىمايدىغان بولدى. ئىجتىمائىي كاپالەتنى سىجىل كۈچەيتتى. شەھەر- يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال كاپالەت سىياسەتلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزدى، قىيىنچىلىقى بار دېھقان- چارۋىچىلار توپىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %99تىن يۇقىرى بولدى. تۇرالغۇ شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. 2021- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدىن جەمئىي 54 مىڭ يۈرۈشنى، كاپالەتلىك ئىجارە ئۆيدىن 29 مىڭ 800 يۈرۈشنى غەملەپ، شەھەر- بازارلاردا كەپىلىك رايونلاردىكى 85 مىڭ 100 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىپ، شەھەر- بازارلاردا 1514 كونا ئولتۇراق رايون(173 مىڭ 900 ئائىلە)نى ئۆزگەرتىپ، يېزىلاردىكى 15 مىڭ 100 ئائىلىلىك تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ئۆيىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئۈچ يىل سىجىل داۋاملاشقان «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» 2- قارارلىق قۇرۇلۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى، 1 مىليوندىن ئارتۇق دېھقان- چارۋىچى ئائىلىسى پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، ھەر مىللەت ئامما يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. ئېكولوگىيە- مۇھىتنى سىجىل ئەلالاشتۇردى. ئالتۇنتاغ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق چوڭ- چوڭ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويدى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاشنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، دۇنيا بويىچە قۇملۇقنى چۆرىدىگەن ئەڭ ئۇزۇن ئېكولوگىيە توسۇقى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنى «قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى. چۆللىشىپ كەتكەن، قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئىلمىي ئالغا سىلجىتتى، 2024- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا قۇمدىن مۇداپىئەلەنگەن، قۇم تىزگىنلەنگەن كۆلەم 2 مىليون 514 مىڭ 200 مو، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىنغان كۆلەم 295 مىڭ 800 مو بولۇپ، «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش»تىن «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»كىچە بولغان تارىخىي زور بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى دۇنيا بويىچە چۆللىشىشنى تۈزەشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى، بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى كۆپ چۆل- باياۋان بىپايان ئورمان دېڭىزىغا ئۆزگىرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ «جياڭنەن»گە ئايلانماقتا.

 ئانار گۈلى ئۆزگىچە پورەكلەپ ئېچىلدى

 جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىش − 4: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە چوڭقۇرلاشتى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى

 شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى» دېگەن تەلىمى ۋە تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۆستى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بازىسى كارخانا، يېزا- كەنت، مەھەللە، ئورگان، مەكتەپلەرگىچە كېڭىيىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە ئەمەلىيەت پائالىيىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا سىڭىشتى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «تۇغقان» دوستلىرى كۆپىيىپ، ناھىيەدە تۇغقىنى بار بولدى، شەھەردە تۇغقىنى بار بولدى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە تۇغقىنى بار بولدى، پايتەخت بېيجىڭدىمۇ تۇغقىنى بار بولدى، كۆپچىلىك قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى كوئىنلۇن تېغى باغرىدا، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا پورەكلەپ ئېچىلدى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، مۇزېي قاتارلىق مەدەنىيەت مۇلازىمەت سورۇنلىرىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى، تۈرلۈك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى دائىملىق قانات يايدۇردى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە ئوبرازىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈردى، ھازىر ھەرقايسى جەھەتلەردىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى يارىتىپ، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتماقتا. گىرەلەشمە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. كەسىپلەر ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، كەسىپ ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئۆزئارا گىرەلەشمە تەرەققىياتى، شەھەر بىلەن يېزا- كەنتلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئامما بوشلۇق، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇردى، بىللە ئولتۇراقلىشىپ بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە قۇرۇپ بىللە بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە مائارىپ ئوقۇتۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى، بارغانسېرى كۆپ ئامما «پۇتۇڭخۇانى ياخشى ئۆگىنىش بىر ئەمگەك ماھارىتىنى ئىگىلىگەنلىك» دېگەن قاراشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، ئاڭلىق ئۆگىنىدىغان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان خۇشاللىنارلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى. 2024- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.4 بولدى. ھەر مىللەت ئامما دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش، ئىشلىتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ سىرتقا چىقىش، جاھاننى كۆرۈش، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئاساس سېلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى. ياش- ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نەچچە ئونمىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا بېرىپ «ۋەتەن مۇھەببىتى . جۇڭخۇا سەپىرى» قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تەتقىقات- ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى، يەكەن ناھىيەسىدىكى كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ «مەن جۇڭخۇا مىللىتى» دېگەن ئىشەنچكە تولغان جاراڭلىق جاۋابى توردا تېز تارقىلىپ زور تەسىر قوزغىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر مىللەت ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى.

 كۈرەش قىلىپ ئېرىشكەن تۇرمۇش شېرىن بولىدۇ

 جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىش − 5: ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىلى يورۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش غەيرىتى تولۇپ تاشتى، روھىي قىياپىتى تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ بولدى

 ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەنە بىر چوڭ ئۆزگىرىش دەل ئاممىنىڭ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىش بولدى. مىننەتدارلىق ئېڭى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ھەر مىللەت ئامما بەختنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى، مەنپەئەتنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر بىلىپ يېتىپ، چىن قەلبىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭدىن مىننەتدار بولدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن مىننەتدار بولدى، ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنى سۆيۈش ھېسسىياتى، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسى يەنىمۇ مۇجەسسەملەندى، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. «مۇقىملىق − بەخت، مالىمانچىلىق − ئاپەت» ئورتاق تونۇشقا ئايلىنىپ، تەستە قولغا كەلگەن خاتىرجەم تۇرمۇشنى تېخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولدى، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىزم، تېررورىزمنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ئاڭلىق قوغدايدىغان بولدى. تىرىشىپ ئەمگەك قىلىپ بېيىش ئارزۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، تېخىمۇ كۆپ ئامما يېزا- كەنتلەردىن چىقىپ شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ئاڭلىق، تەشەببۇسكار ھالدا زېھنىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش، تۇرمۇشنى ياخشىلاشقا سەرپ قىلدى، ماھارەت ئۆگىنىپ، كۆپ پۇل تېپىپ، بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش روھى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى. قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، كۆپچىلىكنىڭ قانۇنغا بولغان چۈشەنچىسى مۈجمەل بولۇشتىن ئېنىق بولۇشقا ئۆتتى، قانۇن ئۆگىنىشتە پاسسىپلىقتىن تەشەببۇسكارلىققا ئۆتتى، قايسى ئىشلارنى قىلسا بولىدىغانلىقى، قايسى ئىشلارنى قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇپ يەتتى، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ پايدىسى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش كەيپىياتى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، ئاتا- ئانىلار مائارىپنىڭ بالىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى تەدرىجىي تونۇپ يېتىپ، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنى پائال قوللايدىغان، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق مائارىپنى قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان، ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، مائارىپ تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، دېگەن قاراش قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارغانسېرى كۆپ ئايال ئۆيىدىن چىقىپ، ماھارەت ئۆگىنىپ، ئۆزىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، «كىچىك لوبەن» بولدى، بەزىلىرى كارخانىلاردا ئىشلەپ، مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ «تۈۋرۈك»ىگە ئايلاندى. ئاياللار ئەرلەردىن قېلىشمىدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ ئايال ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئورنى، ئائىلىدىكى ئورنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتى بارغانسېرى يېتىلىپ، ساغلام ئوزۇقلىنىش، مەدەنىي كىيىنىش، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، ئەدەپ- قائىدىلىك، سەمىمىي بولۇش، بەلگىلىمىگە، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىلىم- پەننى قەدىرلەش قاتارلىق مەدەنىي تۇرمۇش قارىشى بارا- بارا ئاڭلىقلىققا ئايلاندى، ياخشى مۇھىت، ياخشى ئادەت، ياخشى ئۆرپ- ئادەت جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىغا سىرتىدىن ئىچىگىچە تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە ئۇنى ئۆزگەرتمەكتە، مەدەنىي يېڭى كەيپىيات ئۇرۇقى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىپ بىخلانماقتا.

 سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى مەركەزلىك نامايان بولدى

 مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخمۇ يىلتىزىدىن ئايرىلالمايدۇ، تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. ئىلگىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان، شەھەر- يېزا ئاساسى ئاجىز، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى قىيىن بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن- ئاخىر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن جاي ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇملۇقتىكى بوستانلىقلار، ئېگىزلىكتىكى چارۋىچىلىق مەيدانلىرى ۋە شەھەر- بازار، يېزا- كەنتلەرگە بارغاندا، ھەممە يەردە چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ تەرەققىياتتىن ئىبارەت قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەممىلا يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئائىت تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت قىياپىتىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، «نامرات» «ئارقىدا قېلىش» قىياپىتى تەلتۆكۈس ئۆزگەردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزملا جەنۇبىي شىنجاڭنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

 جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن ۋە شىنجاڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن، چوڭقۇر كۆيۈنگەنلىكىدىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن- ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىگە تېخىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە غەمخورلۇق قىلدى. 2014- يىلى، باش شۇجى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ كۆزدىن كەچۈرگەندە، تۇنجى بېكىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن باش شۇجى ئىككى قېتىم مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئىككى قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر مېتودولوگىيەنى ئۆگەتتى، كۆيۈنۈشنىڭ چوڭقۇرلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئەھمىيەت بېرىشنىڭ يۈكسەكلىكى مىسلىسىز بولدى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ئالاھىدە سىياسەت مەدىتىدىن بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت قاتلىمىدا تۇرۇپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتا نۇقتىلىق تەدبىر قوللاندى، دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىردى. مۇشۇنداق ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مەزگىللىك سىياسەت مەدىتى جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا غايەت زور قۇۋۋەت قوشتى. بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمىدىن بولدى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان بېرىش- كېلىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

 جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، ئاچقۇچلۇقى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي ۋە ئاڭلىق ھالدا ئومۇملۇق يۈكسەكلىكى ۋە كەلگۈسى نۇقتىدا تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقى، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۈشكۈللۈكى، جەنۇبىي شىنجاڭدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تونۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلەش ئىرادىسىنى باشتىن- ئاخىر چىڭىتىپ، ئۇدا كۆپ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنىنى ئاچتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان 37 تۈرلۈك تەدبىرنى مەخسۇس ئېلان قىلىپ، 10 مىليارد يۈەن جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتى مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، تارىمنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلىمىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىرىنچى سەپتىكى ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى تىپىك ناھىيە رايونلىرىدا «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىش»قا مەركەزلەشتۈرۈپ، كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرۈپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنى ئىدىيەدە ئازاد بولۇشقا، ئىجادىي تەرەققىياتقا يېتەكلىدى، پۈتۈن شىنجاڭدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پىكىر يولى يۆنىلىشىنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، نىشان- تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

 بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭدا، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەشتە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشتىن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىشىگىچە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقىي ياخشىلىنىشىغىچە، مىسلىسىز جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى. مۇقىم، ئىناق بولغان، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالغان جەنۇبىي شىنجاڭ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، غەيرەت- جاسارەت ئۇرغۇغان جەنۇبىي شىنجاڭ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە، سەپنىڭ كەينىدە قالماسلىق، سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا شىنجاڭنىڭ ئىرادىسى بار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىشەنچى بار. بىز دەۋر بۇرچىنى قەتئىي زىممىمىزگە ئېلىپ، «ساقلاپ تۇرۇشقا بولماسلىق»تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇمىز، «سۆرەلمىلىك قىلىشقا بولماسلىق»تەك كىرىزىس تۇيغۇمىز، «تېز ھەرىكەتكە كېلىش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالايلى!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125