ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچىدە شىنجاڭغا زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن پاكىستان بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شەيخ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، شەيخ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە دۆلىتىڭلار رەھبىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو- پاكىستان مۇناسىۋىتى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو- پاكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بىز جۇڭگونىڭ ئەتراپ خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە پائال سىڭىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى تېز كېڭەيتىش جەريانىدا، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، پاكىستاندىكى يەرلىكلەر بىلەن بىر قاتار ئەمەلىي، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردۇق. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل كۈچەيتىپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن بارلىق شەكىلدىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىپ، بىخەتەر، مۇقىم مۇھىتنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز. قېزىلما بايلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ «دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن نۇسخىسى»نى بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز. مائارىپ، داۋالاش، ئادىمىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
شەيخ مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگو ياخشى قېرىنداش، ياخشى دوست. پاكىستاننىڭ بەلۇجىستان ئۆلكىسى جۇڭگولۇق دوستلار بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ. تېررورىزمغا تاقابىل تۇرۇش ئىككى تەرەپ ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم تېما. بەلۇجىستان ئۆلكىسى خىرىسقا پائال تاقابىل تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قەتئىي زەربە بېرىپ، ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرىدۇ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، بەلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ قېزىلما بايلىقىنى ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى سودىسى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پاكىستان- جۇڭگو دوستلۇقىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پەن شى، جۇڭگو خەلق دىپلوماتىيە ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگونىڭ كاراچىدىكى باش كونسۇلخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.