تۆت نەپەر «خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى داڭلىق شەخس» شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى ئۆزگىرىشلىرىگە گۇۋاھ بولدى
11:35:32 2025-06-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، شىنجاڭ مۇزېيى ئىشلىگەن يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى «چېگرا رايوننى قوغداش» 21- نۆۋەتلىك جۇڭگو(شېنجېن) خەلقئارا مەدەنىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمە- سودا يەرمەنكىسىدە كۆرسىتىلدى. بۇ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى جاڭ چيەن، جېڭ جى، بەن چاۋ، گېڭ گۇڭدىن ئىبارەت تۆت تارىخىي شەخسنى ئەسلىي تىپ قىلىپ ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى رايونىدا ئىككى يىلغا يېقىن ئىزچىل كۆرگەزمە قىلىنىپ، سانسىزلىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭدىكى بىر ئورتاق سەۋەب شۇكى، ئۇلار قويۇق تارىخىي تۈس مۇجەسسەملەنگەن شىنجاڭ ھېكايىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغانىدى.

 2024- يىلى، 7- نۆۋەتلىك ئالتۇن چىراغ مۇكاپاتىدا، «چېگرا رايوننى قوغداش» يىللىق ئەڭ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

 شىنجاڭنى قۇرغۇچىلار ۋە قوغدىغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش

 «<چېگرا رايوننى قوغداش> شىنجاڭ مۇزېيى ئوتتۇرىغا چىقارغان تۇنجى يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى ئەمەس، لېكىن قىممىتى ۋە ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئەڭ مول بولغان بىر يۈرۈشلۈك مەھسۇلات، بىز بۇ ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ھەربىر قۇرغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرمەكچى بولدۇق.» شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۇەن يى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى ئىستېمالچىلار توپىنىڭ گۈزەللىك ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇردى، شۇنداقلا بىر خىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى نامايان قىلدى.

 مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138- يىلى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 119- يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ ئەلچىسى جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە باردى؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60- يىلى غەربىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى غەربىي يۇرتنى باشقۇرىدىغان ھەربىي، مەمۇرىي ئاپپارات قىلىپ تەسىس قىلدى. مىلادىيە 123- يىلى شەرقىي خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى غەربىي يۇرت دورغاب مەھكىمىسىگە ئۆزگەرتىپ، غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى داۋاملىق يۈرگۈزدى... خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلغان ئۇزاق يىللاردا تىللاردا داستان قىلغۇدەك نۇرغۇن شەخسلەر بارلىققا كەلدى، ئۇلار بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇپ، يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تارىختا تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇردى.

 «تۈر لايىھەلەشتىن بۇرۇن شەخسلەرنى بېكىتكەندە، ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن زاپاس شەخسلەر بار ئىدى، ئۇلار ياشىغان دەۋرنى بېكىتىش توغرىسىدا كۆپچىلىك ئوخشاش بولمىغان پىكىردە بولدى، قانداقلا بولمىسۇن غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش ۋە قوغداش 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.» گۇەن يى مۇنداق دېدى: بۇ جەرياندا، پىلانلاش- لايىھەلەش كوللېكتىپىمىز دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملارنىڭ تەكلىپىنى ئېلىپ، دەۋرگە خەن سۇلالىسى دەۋرىنى بېكىتتى، چۈنكى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ رايونى رەسمىي ھالدا جۇڭگو تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان، بۇ جايدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئېچىپ، كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلغان.

 كېيىنكى قەدەم شەخسلەرنى تاللاش بولۇپ، ھەربىر شەخس بەلگە خاراكتېرلىك سالاھىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇشى، بىر- بىرىدىن پەرقلىنىشى كېرەك ئىدى، ئەڭ ئاخىرىدا بېكىتىلگەنلەر جاڭ چيەن − غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان تۇنجى كىشى؛ جېڭ جى − غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى قورۇقچىبېگى؛ بەن چاۋ − غەربىي يۇرتنى 30 يىل ساقلىغان دىڭيۈەنخۇ، ئۇ ئىچكى ئاپەتنى تىنچىتىپ، تاشقى دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغان؛ گېڭ گۇڭ − بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىپ، زېمىننى قوغدىغان داڭلىق سەركەردە، ئۇ سۇلى شەھىرىنى چىڭ ساقلىغانلىقى بىلەن جاھانغا تونۇلغان.

 بەدىئىيلىك ۋە نەپىسلىك جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش

 مۇزېينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى لايىھەسىنىڭ ئاساسى بولۇپ، پەقەت تارىخنى ئوقۇپ چۈشەنگەندىلا، ئاندىن باش تېمىغا ئۇيغۇن بولغان ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ. شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2- قارارلىق يېڭى سارىيى «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى»نىڭ غەربىي ۋە شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرى كۆرگەزمە زالىدا، بۇ تۆت نەپەر تارىخىي شەخسكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئۇچۇرى كۆرگەزمە قىلىندى.

 جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئىككى قېتىم ئەلچىلىككە بارغان يول كۆرسەتمە خەرىتىسىدىن يىپەك يولىغا تارقالغان نۇرغۇن شەھەر بەگلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ؛ خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتتا بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ كېڭەيتىلىش جەريانى كۆرسەتمىسىدە جېڭ جىنىڭ غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى قورۇقچىبېگى بولۇشتىن ئىلگىرىلا، لەشكەرلەرنى باشلاپ چۈلى(ھازىرقى كورلىدىن لوپنۇرغىچە بولغان جايلار)دە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغان كەچۈرمىشى خاتىرىلەنگەن؛ شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە دائىر كۆرگەزمىدە، بەن چاۋنىڭ 36 ئەزىمەتنى باشلاپ ھەرقايسى شەھەر بەگلىكلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، غەربىي يۇرت ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، تاشقى دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قايتا تەسىس قىلىش ۋە كېيىن يەنە غەربىي يۇرت دورغاب مەھكىمىسىنى قۇرۇشقا شارائىت ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىش ئىزلىرى خاتىرىلەنگەن؛ مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش − گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى كۆرگەزمە سۇپىسىدىكى سىرتقى شەكلى ئاساسەن مۇكەممەل ئالىي دەرىجىلىك بىناكارلىق قۇرۇلمىسى بولغان ئىككى دانە بۇلۇت گۈللۈك كاھىشنىڭ ئۈستىدىكى نەقىشلەرنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ بايقىلىشى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۇ شەھەر خارابىسىدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھەربىي، مەمۇرىي ئاپپارات تەسىس قىلىش سىستېمىسى بويىچە ياسالغان ئالىي دەرىجىلىك ئىمارەتنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. گۇچۇڭ شىچېڭزى خارابىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سۇلى شەھىرى دەپ بېكىتىلگەن، بۇ جاي گېڭ گۇڭ ئىلگىرى سەركەردە- لەشكەرلەرنى باشلاپ ساقلىغان ھەم دۈشمەن قوشۇنى بىلەن كەسكىن جەڭ قىلغان جاي. بۈگۈنكى خارابىلىك ئىچىدە يەنىلا بۇ جايدا تۇرۇشلۇق قوشۇننىڭ تۇرمۇش ئىزلىرى ساقلىنىپ قالغان، مەسىلەن، زور مىقداردىكى ساپال پارچىلىرى، كاھىش پارچىلىرى، يەنە ۋۇجۇ يارمىقى، قاراچىراغ، كومزەك قاتارلىق بۇيۇملار.

 گۇەن يى مۇنداق دېدى: بۇ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتىدىكى يېڭىلىق يارىتىش باش تېمىنى تاللاشتا بولۇپلا قالماي، يەنە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقى، زوقلىنىشچانلىقى ۋە خاتىرىلەش قىممىتىنى ئۆستۈرۈشتە، بەدىئىيلىك ۋە نەپىسلىك جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مەنبە، مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنى شەكىل قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھېكايىسى ۋە بەلگە ئامىللىرىنى قېزىش ھەم دەل جايىدا ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ.

 ئۆيگە ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغان «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»

 2016- يىلى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ تاللىنىشتىن، 2021- يىلى مۇزېيدا ساقلانغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى رەڭلىك ئايال قورچاق ھەيكىلىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن باش تېما يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتى «كۆركەم شىنجاڭ كۆللىرى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقىچە بولغان توپتوغرا بەش يىلدا، شىنجاڭ مۇزېيى مەدەنىيەت ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنى تاماملاپ، يەككە مەھسۇلاتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەدرىجىي ھالدا باش تېما مەھسۇلاتىغا ئايلاندۇرۇپ، يۈرۈشلۈك مەھسۇلات شەكلى ئارقىلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قىياپىتى ۋە ھېكايىسىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسكۇرسىيەچىلەر ئۆيىگە ئېلىپ كېتەلەيدىغان «مەدەنىيەت يادىكارلىقى»غا ئايلاندۇردى.

 شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئالغۇ قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان يولۋاس قاپارتمىلىق يۇمىلاق ئالتۇن مېدالغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن «چاۋخۇ تەسەۋۋۇرى» يۈرۈشلۈكى، نىيە خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» يۈرۈشلۈكى، مەملىكەت سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن بىر قىسىم كۈسەن تاش غارى تام رەسىملىرىگە ئاساسەن لايىھەلەنگەن «تيەنگۇڭ بازىرى» يۈرۈشلۈكى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ بۇغداچىن قەدىمىي شەھىرىدىن قېزىۋېلىنغان «سەككىز ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا»غا ئاساسەن لايىھەلەنگەن «جىنلىن كەييۈن» يۈرۈشلۈكى ئارقا- ئارقىدىن مۇزېينىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى كۆرگەزمە سۇپىسىغا چىقىرىلدى، 1000 خىلغا يېقىن مەھسۇلات ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

 «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <14- بەش يىل>لىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىرىك پىلانى»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك مۇزېيلار، تۈرلۈك مەدەنىيەت كارخانىلىرىنىڭ مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىغا تايىنىپ، بەدىئىيلىككە ۋە ئەمەلىي ئىشلىتىلىشچانلىققا، زامانىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولغان، بازار ئىستېمال ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

 2024- يىلى، شىنجاڭ مۇزېيى بىلەن يۈننەن ئۆلكىلىك مۇزېي، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇزېي، ئەنخۇي مۇزېيى، خۇنەن مۇزېيى ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان «جىنلىن كەييۈن» يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى بارلىققا كەلدى، لايىھە ئاساسىي گەۋدىسى ھەرقايسى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان «ئەجدىھا نەقىشلىك ئالتۇن توقا» بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تارىختىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى. بۇ يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەيدانغا كەلتۈرۈلۈشى شىنجاڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇزېيلار ئارىسىدىكى بايلىقتىن ھەمبەھرىلىنىش ۋە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر- بىرىنى تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 «شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ئېكسكۇرسىيەچىلەرنىڭ مۇزېينى قىزغىن داكا قىلىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرى ياشلار ئۈچۈن تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن مودا ئېقىمنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك سېلىپ بېرىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى شەھەر تۇرمۇشىغا پائال سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىپ ئۇلارنى مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125