ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن
تىيانشان تېغى تۆمۈر مەنزىرە رايونى بوزدۆڭگە بارىدىغان يولنى بويلاپ ماڭغاندا، تىنچ، ئىناق كەنت، يېشىللىققا پۈركەنگەن يايلاق، ھەيۋەتلىك، كۆركەم قارلىق تاغ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خۇددى شېئىرلاردا تەسۋىرلەنگەندەك گۈزەل مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدى. 5- ئاينىڭ 28- كۈنى، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت - قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بوزدۆڭ قىرغىز يېزىسىغا يېتىپ بېرىپ، بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت جەلپكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەندى.
بوزدۆڭدە، تاغ- دالىنى قاپلىغان ئاپئاق ئازغان گۈلى بىلەن سېرىق قاراغان گۈلى بەس- بەستە ئېچىلىپ، رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزىنى ھاسىل قىلغانىدى. بوزدۆڭ كەنتىگە جايلاشقان ئونسۇ ناھىيەسى باۋمېيتې قىرغىز ئاياللىرى قول ھۈنەر كەشتە بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، نەپىس كەشتە بۇيۇملىرى كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. ئاسما گىلەم، ياستۇق قېپى، كىيىم- كېچەك قاتارلىق تۈرلۈك كەشتە بۇيۇملىرىدا كەشتىلەنگەن گۈل نۇسخىلىرى نەپىس، كۆركەم ۋە ئاددىي، ئىشلىتىلىشچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى، كەشتىچى ئاياللار كۆڭۈل قويۇپ كەشتىلەۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ قوللىرى ئەپچىللىك بىلەن ھەرىكەتلىنىپ، رەڭگارەڭ يىپلار بارماقلىرى ئارىسىدا يۇقىرى- تۆۋەن ئۆتكۈزۈلۈپ خۇددى ئۇسسۇلغا چۈشكەندەك كۆرۈنەتتى.
2008- يىلى، قىرغىز كەشتىچىلىكى 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. قىرغىز كەشتىچىلىكىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولغان بۇرۇل ئىسكەك باشلامچىلىق بىلەن ئونسۇ ناھىيەسى باۋمېيتې قىرغىز ئاياللىرى قول ھۈنەر كەشتە بۇيۇملىرى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى يېزا ئاياللىرىنى كەشتىچىلىك ماھارىتىگە تايىنىپ ئىشىكى ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. «قىرغىز كەشتىچىلىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تۇرمۇشىمىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. مەن بۇ كەشتىچىلىك ھۈنىرىگە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى بۇرۇل.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىيانشان تېغى تۆمۈر مەنزىرە رايونى دەرىجىسىنىڭ سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، چوڭ جىلغا، تاغلاق كەنتى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيدى. بۇرۇل مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز ئاساسلىقى مال بېقىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، بۇ جاي ناھىيە بازىرىغا يىراق بولغاچقا، كەشتە بۇيۇملىرىنى ناھىيە بازىرىغا ئاپىرىپ سېتىشتا باشقىلارغا ھاۋالە قىلاتتۇق، بۇنداق بولغاندا ھەم قولايسىز، ھەم سېتىلىش مىقدارىمۇ تۇراقسىز ئىدى».
بوزدۆڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئادالەت شۈكۈر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە، يۇرتىمىزدا ساياھەتچىلىك جانلاندى، مېھمانلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىكىمىز ئالدىغا كېلىپ كەشتە بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدىغان بولدى، مەنزىرە رايونىمۇ سېتىشقا ياردەملىشىدۇ، بىز پەقەت كۆڭۈل قويۇپ كەشتە تىكسەكلا بولدى، بۇنىڭ بىلەن كىرىمىمىز ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى».
ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، ئالتۇن رەڭلىك قىچا ئېتىزى قارلىق تاغ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا نامايان بولدى. ئېتىزدا 20دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئەنئەنىۋى كىيىملەرنى كىيىپ، قومۇز بىلەن تەڭكەش قىلىپ قەھرىمانلىق ئېپوسى «ماناس»نى بىرلىكتە ئېيتىۋاتاتتى. مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ، كەنت ئاھالىلىرى گاھى ياڭراق، گاھى تۆۋەن ئاۋازدا مۇڭلۇق ئېيتىۋاتقان بولۇپ، تەسىر قىلىش كۈچىگە تولغانىدى. ئۇلار يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلى ئۈچۈن پائال تەييارلىق قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلاتتى.
بېيجىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى دىڭ مېيدۇڭ رېپېتىتسىيە نەق مەيدانىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، بۇ مەنزىرىگە چوڭقۇر مەپتۇن بولۇپ، ئىختىيارسىز پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا تۆۋەن ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «<ماناس> مۇشۇنداق تەسىرلىك، جانلىق شەكىلدە نامايان قىلىنسا، تولىمۇ گۈزەل بولىدىكەن».
تىيانشان تېغى تۆمۈر مەنزىرە رايونى چوڭ جىلغىسىنىڭ «قىزىل» رەڭگى تاغلاق كەنتىنىڭ «يېشىل» رەڭگى بىلەن ماسلىشىپ، بوزدۆڭنى قەدىمىي، كۆركەم «قوڭۇر» رەڭلىك مەنزىرىگە ئىگە قىلغانىدى. بۇ جاينىڭ خەلق ئۆرپ- ئادىتى مەدەنىيىتى قويۇق بولۇپ، رەت- رەت سېلىنغان قوڭۇر رەڭلىك ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ ئىچىگە قىرغىز كەشتىلىرى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تىزىلغانىدى. ساياھەتچىلەر كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنىڭ جەلپكارلىقىغا مەپتۇن بولغاندا، لەرزان «ماناس» ناخشىسى شۇ ھامان ياڭراپ، ساياھەتچىلەرگە كۆرۈش سېزىمى ۋە ئاڭلاش سېزىمى جەھەتتە قوش ھۇزۇر بېغىشلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى تىيانشان تېغى تۆمۈر مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى + ساياھەت»، «ساياھەت + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى بويىچە ئويۇن قويۇش»، «ساياھەت + غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى ھېس قىلىش» قاتارلىق كۆپ خىل ئىجادىي شەكىللەر ئارقىلىق، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى كېڭەيتتى.