كۈندە بىر مەنزىرە | ئەنخۇي ۋۇخۇ: تيەنمېنشەن تېغى «ئۈزۈلۈپ» چۇجياڭ دەرياسى ئېچىلدى
16:52:37 2025-06-04 تىيانشان تورى

 تيەنمېنشەن تېغى «ئۈزۈلۈپ»، چۇجياڭ دەرياسى ئېچىلدى، زۇمرەتتەك سۇ شەرققە قاراپ ئېقىپ بۇ يەردىن ئەگىدى. ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋۇخۇ شەھىرىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا جايلاشقان تيەنمېنشەن تېغى لى بەينىڭ «تيەنمېنشەن تېغىغا نەزەر» ناملىق شېئىرى بىلەن داڭلىق. دەريادا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تيەنمېنشەن تېغى خۇددى پىچاق بىلەن كەسكەنگە، پالتا بىلەن چاپقانغا ئوخشايدۇ، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسى بۇ يەرگە كەلگەندە بىر ئاز «ئۈچەككە كىرىپ» يەنە داۋاملىق ئالغا قاراپ ئاقىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە تاغ شەكلى، سۇ شارائىتىدىن تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەر تيەنمېنشەن تېغىنى مەدھىيەلەيدىغان نۇرغۇن شېئىرلارنى قالدۇرغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ مول تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

يۈك پاراخوتلىرى تيەنمېنشەن تېغى يېنىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يولىدا كېتىۋاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما نىڭ فوتوسى

يۈك پاراخوتلىرى تيەنمېنشەن تېغى يېنىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يولىدا كېتىۋاتماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما نىڭ فوتوسى

تيەنمېنشەن تېغىدىن سۈرەتكە تارتىلغان ئالدىراشلىققا تولغان چاڭجياڭ دەرياسى سۇ يولى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما نىڭ فوتوسى

تيەنمېنشەن تېغى مەنزىرە رايونىدىكى لى بەينىڭ ھەيكىلى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ مۇ فوتوسى

ئەنخۇي ۋۇخۇدا سۈرەتكە تارتىلغان تيەنمېنشەن تېغى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شياۋ بېنشياڭ فوتوسى)

ساياھەتچىلەر تيەنمېنشەن تېغى ئېتىكىدە سەيلە قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت) شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شياۋ بېنشياڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125