باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك
بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇندى، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى؛ مەركەزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئالاقىدار خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار يېقىندا مەركەز قاتلىمىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشكە دائىر تىپىك دېلو مىساللىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشنىڭ ئېغىر سىياسىي خەۋپ ئىكەنلىكىنى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشى كېرەك، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈش، سىياسىي ئېكولوگىيەنى بۇلغاش، چىرىكلىك خەۋپ- خەتىرى پەيدا قىلىش ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش، كىچىك ھالقا ئەمەس. جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشتەك ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توسمىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال ئۆزگەرتىش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەق يۈز بېرىۋاتقانلىرىنى تۇتۇپ، تىپىكلىرىنى تۇتۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تۇتۇپ، بەلگىلىمىگە ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ يەپ- ئىچىشكە ئالاقىدار ئادەم ۋە ئىشلارنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، ئېغىرلىتىپ جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك؛ دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشكە تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، سەلبىي تىپىك دېلو مىساللىرىنى ياخشى تەتبىقلاپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى دەرىجە ۋە تۈرگە ئايرىپ قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى كۆڭلىدە ئەيمىنىش بولۇش، گەپ- سۆزدە ئېھتىياتچان بولۇش، ھەرىكەتتە چەكلىمە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك؛ تۈزۈم- مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە دائىر تۈزۈم- بەلگىلىمىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزەشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشنى باشلامچىلىق بىلەن توسۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، ئۆگىنىش- تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنى ۋە نازارەتچىلىك- يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى قاتتىق نازارەت قىلىش، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن ھەقىقىي قول سېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەركەزلىك تۈزەشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىق قىلىش، پىلانلاشنى كۈچەيتىش جەھەتتە ھەقىقىي تۈردە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، سېلىنما يۆنىلىشىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئاساسنى كۈچەيتىدىغان، قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق چوڭ تۈر، ياخشى تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈر زاپىسى سۈپىتىنى سىجىل ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلمىي قېلىپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسلىھەت بېرىش، دەلىللەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنى يۈرۈشتۈرۈش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سېلىنمىنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت سېلىنمىسىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېلىنما كۆلىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.