ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
10:36:43 2025-06-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 20- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن- تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۈچ قوشۇش- قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك پەن- تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

 جىجياڭ تەجرىبىخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئالىيۈننىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جيەن تەكلىپ بىلەن مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دەرسى ئۆتۈپ، «AI ،AI+ ،AI ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپ ئۆزگىرىشى ۋە شەھەرنى ئىدارە قىلىش»نى چۆرىدەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە نەتىجىسى، كونكرېت قوللىنىش مەنزىرىسى، كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەت تەرەققىياتى ئومۇملۇقىدا يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دۆلىتىمىز پەن- تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا پەن- تېخنىكا تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، بىر قاتار ئالدىن كۆرەرلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق يۈكسىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەۋزەل شارائىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشىمىز كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ مول پاكىز ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» مۇھىم پۇرسىتىنى پائال ئىگىلەپ، چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسى قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى ئەلا سۈپەتلىك «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى + ھېسابلاش ئىقتىدارى» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان سانلىق مەلۇمات تۈگۈنىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش- ئوقۇتۇش- تەتقىقات- قوللىنىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىدە مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش- ئىقتىدارنى كېڭەيتىش، سانائەتنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى ھالىتىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ داۋالاش، مائارىپ، قاتناش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر قوللىنىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى» ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، «ھەربىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ قولاي، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

 تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125