ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى قۇربان ھېيت ھارپىسىدا پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى
10:37:57 2025-06-07 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  قۇربان ھېيت ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتارلىقلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت ھەم ھامىدىن نىياز، ئابدۇرېھىم ھامىت، نەيىم ياسىن، ئەسقەت كەرىمباي، قېيۇم باۋۇدۇن، جاڭ شيۇمىڭ، جۇ خەيلۇن، چېن دېمىن، فۇ چياڭ، خۇا شىفېي، غانىبات سابۇكەي، تيەن ۋېن، شيې فۇپىڭ، خەلچەم ئىسلام، جاڭ خېڭ، مىجىت ناسىر، قادىس جانابىل، ما جيەنگو، دەلىلقان مامىقان، مەمتىمىن زاكىر، ئاسانبېك تۇردى، دۇ چىنرۇي، جاڭ گولياڭ، ئالپىسباي راقىم، مەمتىمىن ياسىن، چۆجۈپ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، چيەن جى، نىجات سۇلتان، ئىنام نەسىردىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، گۈلشات ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، بادەي، ھۆرىگۈل جاپپار، مۇتەللىپ قاسىم، دۇڭ شىنگۇاڭ، لى شۆجۈن، جاۋ چىڭ، سو يۆ، دىيار قۇماش، فېڭ داجېن، ۋېن كېشياۋ، ۋۇ جياخې، ۋاڭ يوۋسەن، يۈسۈپ ئەيسا، شيې جىچياڭ، لى دۇڭخۇي، غوپۇر ئابدۇللا، جاڭ گۇيتىڭ، جاڭ يۈجۇڭ، پاشا ئىشان، ۋۇ دۇنفۇ، شيۇڭ خۇييىن، ياۋ يۇڭفېڭ، جياڭ شەن، جۇ جېنجۇڭ، مەمەتجان ئەمەت، ليۇ ياۋخۇا، قىزايجان سېيىلقوجا، كې لى، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ماۋكەن سېيىتقامزا، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ليۇ جىيۇڭ، رىزۋان ئەبەي، كادىرقان مىراسقان، لى شياڭلىن، ليۇ يەنلياڭ، يۈ شيۇدۇڭ، چېڭ جېنشەن، جاڭ بو، جۈرئەت ئىمىن، مۇتەللىپ ئوبۇل، مەڭلىك سىيىت، ما شيۇڭچېڭ، ماغاۋ سېيىتقامزا، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۇەن، پېڭ جيارۇي، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام سابىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، لى شۇجۈەن، جاڭ لىبو، جۇ جيەنفەن، خۇ جاۋجاڭ، تاڭ يۈنفۇ، ۋاڭ جيەنجېن، كاڭ كېجيەن، مەمتىمىن ئابدۇرېھىم، خۇا شى، جەي شياۋخېڭ، ۋاڭ چۇڭجيۇ، لۈ گاڭ، ۋاڭ جىلياڭ، سۇڭ جيەنيې، لۇ شياۋفېڭ، ليۇ شياڭسۇڭ، چېڭ جياجۇ، شۈ ۋېيخۇا، لى شىنمىڭ، سۇڭ خاۋ، ئابلىز نىياز، گو يۇڭخۇي، جۇڭ بو، قۇربان روزى، روزى ئىسمائىل، باھارگۈل سەمەت، مەمەت يۈسۈپ، قاسىم مامۇت، نىشان ئىبراھىم، چېن جىنچى، جاۋ شياڭۋا، يەن فېنشىن، لى گۇيماۋ، ياڭ جاۋجى، گو ليەنشەن، پۇ شىيۈ، تيەن يۇڭ، جاڭ جىشۈن، قۇرماش سىرجان، يەن گوسەن قاتارلىق پېشقەدەم يولداشلار ۋە ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ يەسىرەلىرى، ئائىلە تەۋەلىرى قاتارلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ياكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلارغا يوقلاش، ھال سوراشنى ھاۋالە قىلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ رەھبەرلىرى ھەربىي رايوندىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

 ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى پېشقەدەم يولداشلارغا بايراملىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى. سۆھبەتتە، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار پېشقەدەم يولداشلارغا ھازىرقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇلار مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتتى، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى- شىمالى تەرەققىي قىلىپ گۈللەپ ياشنىدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى تېز ئالغا سىلجىتىلدى. پېشقەدەم يولداشلار بىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز. كۆپچىلىكنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى كۆپلەپ بېرىپ، بىز بىلەن بىللە شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 پېشقەدەم يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى  قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە ياراتتى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى قۇرۇش تېزلىتىلدى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ھاياتىي كۈچى كۈنسېرى ئۇرغۇدى، مائارىپ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تېزلىتىلدى، تەرەققىيات قەدىمى مىسلىسىز تېز بولدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا نامايان بولغان يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەتنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىستىقبالىنىڭ بارغانسېرى پارلاق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىمىز. 

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125