جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەش كېرەك، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىي غول، ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتى شاخ ۋە يوپۇرماق، يىلتىز چوڭقۇر، غول كۈچلۈك بولغاندا، ئاندىن شاخ- يوپۇرماقلار بۈك- باراقسان ئۆسەلەيدۇ.
—2021- يىلى 8- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇشۇنداق كۆرسەتتى