ما شىڭرۇي، يۈەن جياجۈن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى بىرلىكتە قوزغاتتى
ئەركىن تۇنىياز، خۇ خېڭخۇا، جاڭ جىگاڭ سۆز قىلدى
6- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ بىلەن چۇڭچىڭ ماس قەدەمدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- لىنىيەسى − قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى قوزغىتىپ توك يەتكۈزۈشنى رەسمىي باشلىدى. سۈرەتتە: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىگاڭ ئۈرۈمچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى بىرلىكتە قوزغاتتى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئىككى يىلغا يېقىن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3- لىنىيەسى − قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يېقىندا ئوڭۇشلۇق پۈتتى ھەم تەڭشەپ سىناشنى تاماملىدى. 6- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ بىلەن چۇڭچىڭ ماس قەدەمدە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ توك يەتكۈزۈشنى رەسمىي قوزغاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈەن جياجۈن ئايرىم- ئايرىم ئىككى جايدا پائالىيەتكە قاتنىشىپ، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى بىرلىكتە قوزغاتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى خۇ خېڭخۇا، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ جىگاڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى بىرلىكتە قوزغاتتى ھەم سۆز قىلدى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى پاڭ شياۋگاڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنى بىرلىكتە قوزغاتتى.
قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسىنى پائال قۇرۇشتىكى مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، شىنجاڭ باركۆل، چۇڭچىڭ يۈبېيدە 800± كىلوۋولتلۇق توك ئايلاندۇرۇش پونكىتىدىن ئىككىسى يېڭىدىن قۇرۇلدى، توك يەتكۈزۈش مۇساپىسى 2260 كىلومېتىر. دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر يورۇقلۇق ۋولتنى سىرتقا يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قۇرۇلۇشقا يۈرۈشلەشكەن شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، يورۇقلۇق- ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى قاتارلىق 10 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات يېڭى ئېنېرگىيە ئۇلانغان بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئاشىدۇ. قۇرۇلۇش ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزگەندىن كېيىن، ھەر يىلى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلىدىغان توك مىقدارى 36 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئارتۇق بولۇپ، بۇ، قومۇلنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئېچىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، پاكىز ئېنېرگىيەنى كەڭ دائىرىدە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، چۇڭچىڭنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: قومۇل- چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەت. قۇرۇلۇشنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك يەتكۈزۈشى شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش، شىنجاڭ- چۇڭچىڭ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملار بويىچە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بەردى. بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىز دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنى سىجىل زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىۋاتىمىز. چۇڭچىڭ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكىنى كېڭەيتىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، دۆلەت چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىمىز.
خۇ خېڭخۇا مۇنداق دېدى: قومۇل- چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ توك يەتكۈزۈش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى، چۇڭچىڭ- شىنجاڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە بولۇپ، چۇڭچىڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ، بۇ، غەربىي قىسىم رايونىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۇڭچىڭ قۇرۇلۇشنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈپ توك يەتكۈزۈشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى ۋە شىنجاڭ قاتارلىق قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ «شىنجاڭ توكىنى چۇڭچىڭغا كىرگۈزۈش» بويىچە يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر مەنبەسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى پىلانلاش ۋە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشىدۇ.
جاڭ جىگاڭ مۇنداق دېدى: قومۇل- چۇڭچىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، غەربىي قىسىم رايونى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، چېڭدۇ- چۇڭچىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىپ، چۇڭچىڭنىڭ يازدىكى توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرىدۇ. شىركەت قۇرۇلۇشنىڭ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
پائالىيەتنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى ۋە چۇڭچىڭدا تەسىس قىلىندى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، جىن جىجېن، چۇڭچىڭ شەھىرى رەھبەرلىرىدىن چېن شىنۋۇ، ليۇ شاڭجىن قاتناشتى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى پەن جىڭدۇڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
شىنجاڭ بىلەن چۇڭچىڭدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە جايلار، ئالاقىدار كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئېلېكتىر تورى چەكلىك شىركىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پائالىيەتكە قاتناشتى. باركۆل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ۋە يۈبېي توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى ماس قەدەمدە پائالىيەت ئۆتكۈزدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)