ما شىڭرۇي ئىلىدا G219 لىنىيەسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان چېگرا رايوننى كۈچەيتىش يولى، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش يولى، خەلقنى بېيىتىش يولىنى ياساپ چىقىش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يېقىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا G219 لىنىيەسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، بىرىنچى سەپتىكى قۇرۇلۇشچىلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشىنى تېز قۇرۇپ چىقىش، قەرەلىدە پۈتتۈرۈشنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان چېگرا رايوننى كۈچەيتىش يولى، كەسىپنى گۈللەندۈرۈش يولى، خەلقنى بېيىتىش يولىنى ياساپ چىقىش كېرەك. چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نەتىجىلىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى، قەلبلەرنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
G219 لىنىيەسى شىمالدا شىنجاڭ قاناستىن باشلىنىپ، جەنۇبتا گۇاڭشىنىڭ دۇڭشىڭ شەھىرىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمى بىلەن غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا بويىدىكى چوڭ يول. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى ئۇنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت تاشيول تورى يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، نۆۋەتتە تېز قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىدىن ئاقسۇ شەھىرىگىچە بولغان تاشيول مۇساپىسى 1710 كىلومېتىردىن 500 كىلومېتىرغا قىسقىراپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قاتنىشىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ما شىڭرۇي موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىگە كېلىپ، G219 لىنىيەسى موڭغۇلكۈرە- ئونسۇ تاشيولى غەربىي تىيانشان تېغى ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تونېل قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار يەنىلا گۈرۈلدەپ، ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. ما شىڭرۇي بىرىنچى سەپتە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ھەر مىللەت قۇرۇلۇشچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
تونېلنى قېزىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي تۈر قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىككە ئاڭلىق ھالدا ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بايلىق ۋە كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى قەتئىي ياخشى ئىگىلەپ، تۈرنىڭ قەرەلىدە پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدىكى بۇ قاتناش تومۇرىنىڭ رولىنى بالدۇرراق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى دۆلەتنىڭ چېگرا بويى رايونىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان چېگرا رايوننى كۈچەيتىش يولى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولىدىغان كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يولى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان خەلقنى بېيىتىش يولىغا ئايلاندۇرۇشنى تاپىلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ما شىڭرۇي ئىلى ئوبلاستى ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق قاتناش تۈرلىرى، چوڭ- چوڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى»، ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، 2- پەسىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، سېلىنمىنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە ساياھەت مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت- ساياھەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلققە تېخىمۇ كۆپ پايدا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ھەر تەرەپلىمە گىرەلەشكەن ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك.
ياڭ شيۇلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)