【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 قۇتۇبى: زۇمرەتتەك ئېقىن، يېشىل ئوت- چۆپ، دەنشيا بىر- بىرىگە ھۆسن قوشتى
11:52:09 2025-06-12 تىيانشان تورى

 6- ئاينىڭ 3- كۈنى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون كۆپكۆك ئاسمىنىدا بۇلۇتلار لەيلەپ تۇراتتى. تاغلار قوينىدىكى قۇتۇبى دەرياسى زۇمرەتتەك دولقۇنلاپ تۇراتتى، ئىككى قىرغاق ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر بىلەن قاپلانغان بولۇپ، دەنشيا يەر شەكلى بىلەن گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى دەريا يولىنى تۈزەش، قوغداش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتتى: «بىر دەرياغا بىر تەدبىر» ئۇنىۋېرسال تۈزەش لايىھەسى ھەم قىرغاق لىنىيەسىدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلان لايىھەسىنى تۈزۈپ، دەريا يولى ئەتراپىدىكى كان رايونلىرىنىڭ مۇھىت قوغداش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى، دەريا يولىنى تۈزىدى؛ دەريا باشلىقى تۈزۈمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سۈيى سۈزۈك، قىرغاقلىرى يېشىل، دەريالىرى راۋان، مەنزىرىسى گۈزەل» بولغان سۇ ئېكولوگىيە مەنزىرە لىنىيەسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ناھىيەدىكى دەريا يولى بويىدىكى ئېكولوگىيە-مۇھىت يېپيېڭى تۈسكە كىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ سەيلە- ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125