ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يىن لۇ) 6- ئاينىڭ 9- كۈنى، دۆلەت ئارخىپ ئىدارىسى 6- تۈركۈمدىكى «جۇڭگو ئارخىپ، ھۆججەت- ماتېرىيال مىراسلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭغا 52 تۈرلۈك ئارخىپ، ھۆججەت- ماتېرىيال كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى رەتلەپ مۇندەرىجىسىنى تۈزگەن ھەم ئىلتىماس قىلغان «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ۋەن تۇڭشۇ نوتىغا ئالغان قول يازمىسى»مۇ بار. بۇنىڭ بىلەن، بۇ تىزىملىككە تاللانغان تۈر ئومۇمىي سانى 250كە يەتتى.
ۋەن تۇڭشۇ دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق مىللىي مۇزىكا ئالىمى، ئۇ بىر ئۆمۈر شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ھەم باشقا خەلق ئىچى مۇزىكىلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارغا ۋارىسلىق قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە دۆلەت ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشقا كىرىشتى. خەلق ئارىسىدا تارقالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ «يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقى»دەك تەخىرسىز مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي مۇزىكا شۆيۈەنى ۋەن تۇڭشۇنى شىنجاڭغا كېلىپ ئون ئىككى مۇقامنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك قوغداش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا ئەۋەتىپ، كوللېكتىپ قۇرۇپ ئون ئىككى مۇقامنى نوتىغا ئېلىش، توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىشنى تاماملىدى.
1960- يىلى، «ئون ئىككى مۇقام» نوتىسىنىڭ ئىككى توپلىمى بارلىققا كەلدى، 2005- يىلى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 3- تۈركۈمدىكى ئىنسانىيەت ئاغزاكى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
«ئون ئىككى مۇقامنىڭ ۋەن تۇڭشۇ نوتىغا ئالغان قول يازمىسى» − «چەببىيات مۇقامى» «ئون ئىككى مۇقام نوتىسى قول يازمىسىنىڭ 12- قىسمى» «ئون ئىككى مۇقامنىڭ كۈي شەكلى (بەش سىزىقلىق نوتا A3)» «مۇشاۋىرەك مۇقامى پارچە مۇقەددىمىسىنىڭ ئاھاڭ ۋە كۈي شەكلى» «تۆتىنچى داستان» قاتارلىق جەمئىي 31 پارچە قول يازمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار ۋەن تۇڭشۇ ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىرىنچى قول نوتىغا ئېلىش، تەھلىل قىلىش ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قول يازمىلار ۋەن تۇڭشۇ 1952- يىلىدىن 1956- يىلىغىچە يىغىپ تاماملىغان دەسلەپكى نوتا خاتىرىسى بولۇپ، تۇنجى قېتىم بەش سىزىقلىق نوتا نۇسخىسى شەكلىدە خاتىرىلەنگەن ئون ئىككى مۇقامنىڭ پۈتۈن يۈرۈشلۈك نوتىسى، شۇنداقلا 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغىچە ساقلىنىپ قالغان شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى نوتا شەكلى ئارقىلىق خاتىرىلەنگەن بىردىنبىر قول يازما ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئون ئىككى مۇقامنى «ئاغزاكى ئۆگىتىش» ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىش شەكلىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، ئۇنى نوتىسى، كۈي شەكلى، رىتىملىق ئۇدارى بولغان، شېئىرى، ناخشا تېكىستى بار مۇكەممەل سەنئەت شەكلىگە ئايلاندۇردى. 2018- يىلى 6- ئايدا ۋە 2023- يىلى 7- ئايدا، ۋەن تۇڭشۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ قول يازمىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىگە ئىئانە قىلدى ھەم «مۇقامغا دائىر ھۆججەت- ئەسەرلەر قول يازمىلىرىنى ئارخىپ قىلىپ ساقلاش كېلىشىمى» ئىمزالىدى.
«قول يازما يېزىلغان قەغەزلەرنىڭ كۆپ قىسمى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىكى ئۆلچەملىك نوتىغا ئېلىش قەغىزى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش سىزىقلىق نوتا، ئاددىي نوتا بويىچە نوتىغا ئېلىنغان قول يازما 635 بەت، خىزمەت خاتىرىسى يېزىلغان قول يازما 1231 بەت بولۇپ، ئۆزگەرتىش، بۇزۇلۇش، باب- پاراگراف ياكى بەت يۈزى كەمتۈك بولۇش، يوقاپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن، ھۆججەت- ئەسەرلەرنىڭ ئاساسىي ئەسلىي قىياپىتى ئاساسىي جەھەتتىن ساقلاپ قېلىنغان، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىدە ساقلىنىۋاتىدۇ.» شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ ئارخىپ خادىمى ۋاڭ شياۋچى مۇنداق دېدى: بۇ قول يازمىلار شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، تەتقىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم تايانچقا ئايلاندى.
ۋەن تۇڭشۇنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنى توپلاش، رەتلەش جەريانى ھەر مىللەت ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئورتاق تاماملاش جەريانى بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتتى.
بۇ قېتىم تاللانغان 52 تۈرلۈك ئارخىپ ھۆججەت- ئەسەر جۇڭگونىڭ ئارخىپ ھۆججەت- ئەسەرلىرى ئىچىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملار بولۇپ، مەزمۇنى مول، قاپلاش دائىرىسى كەڭ، ئارخىپ قىلىپ ساقلانغان ۋاسىتىلەر قەغەزلىك يازما، تاش ئويما، تارىشا پۈتۈك ۋە ئويما بەت تاختا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەممىسى مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ۋە دەۋر قىممىتىگە ئىگە.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)