ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر مەنبەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 201 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، كۆلەم جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 5- ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 112 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئېلېكتىر مەنبەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %55.72ىنى ئىگىلىگەن. «14- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىلدا، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «ئېنېرگىيە چوڭ رايونى»دىن «پاكىز ئېنېرگىيە چوڭ رايونى»غا ئۆزگىرىش تاماملانغان.
شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر مەنبەسى ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 200 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى
16:38:45 2025-06-12
تىيانشان تورى
مەسئۇل مۇھەررىر:
穆巴拉克·司马义