چېن مىڭگو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچىدە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى خۇ شېڭ ۋە جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ كارخانىچىلارنى يەنە بىر قېتىم تەشكىللەپ شىنجاڭغا تەكشۈرۈش، ئالماشتۇرۇشقا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىك، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە كەسىپ ئەۋزەللىكىگە، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردۇق، يېڭى قىياپەتنى نامايان قىلدۇق. شىنجاڭ تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرماقتا، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى پارلاق، كەڭ كارخانىلار شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىدىغان سەھنە كەڭ، ھازىر دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. ھەرقايسى كارخانىچىلارنىڭ شىنجاڭغا كۆپرەك كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز. بىز بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل يارىتىپ، يېقىن، پاك بولغان ھۆكۈمەت- سودىگەرلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىشى، زورىيىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىمىز.
خۇ شېڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، ياش كارخانىچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەردى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتى ۋە كەڭ كارخانىلارنىڭ شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت ھەم كارخانىچىلارنى شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەمەلىي تۆھپە قوشىدۇ.
جۇڭگو ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى جۈن ھەم بىر قىسىم كارخانىچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جەمئىيەت ۋە كارخانىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىمىز.
مۇقىيات جارمۇقامەت، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.