​شىنجاڭ «داۋالاش بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى» ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى پىچان ناھىيەسىگە كىردى
11:37:42 2025-06-13 تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ تېببىي ئىلىم جەمئىيىتى سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى كەسپىي كومىتېتىنىڭ «داۋالاش بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى» پائالىيىتىگە قاتناشقان تېببىي خادىملار پىچان ناھىيەسىگە بېرىپ، مەزى بېزى راكىنى دەسلەپكى مەزگىلىدە تاسقاپ تەكشۈرۈش، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

 بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى ۋە تۇرپان شەھىرى (ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر)دىن كەلگەن سەككىز نەپەر سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى قاتناشقان بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، ساغلاملىق بويىچە مەسلىھەت بېرىش ھەم مەزى بېزى راكىنى دەسلەپكى مەزگىلىدە تاسقاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامدىكى پۇقرالارغا يەتكۈزدى.

ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى نەق مەيدانى.

 ھەقسىز كېسەل كۆرۈش نەق مەيدانىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئاممىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى سەۋرچانلىق بىلەن سوراپ، تۈرلۈك سۈيدۈك ئاجرىتىش كېسەللىكلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى، بولۇپمۇ مەزى بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش مەسىلىلىرىگە قارىتا كەسپىي ساغلاملىق يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ ۋە داۋالاش تەكلىپى بېرىپ، «بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش»تىن ئىبارەت ساغلاملىق قارىشىنى تەشۋىق قىلدى. پائالىيەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پىچان ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىكى تېببىي خادىملار كېسەللىك مىساللىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ ھەم تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، تىپىك دىياگنوز قويۇش، داۋالاش مىساللىرىنى ھەمبەھرىلىدى.

 «داۋالاش بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى» تۈرى قوزغىتىلغان تۇنجى ناھىيە دەرىجىلىك پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئۈچۈن قولايلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈلۈشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى ھەمدە ناھىيە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشىدىكى يېڭى يولنى ئاچتى، شۇنداقلا ناھىيە رايونىنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «ساغلام شىنجاڭ» بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشتا مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يېتەكلەش رولىنى ئويناپ، كەلگۈسىدىكى «داۋالاش بىۋاسىتە ئاپتوموبىلى» پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدى. (مۇخبىر جاڭ كۇن خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125