6- ئاينىڭ باشلىرىدا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، بىپايان ئوتلاق بىلەن ئادىمىيەت مەنزىرىسى گىرەلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بەس- بەستە كېلىشكە جەلپ قىلدى.
ياپيېشىل ئوتلاقتا، ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيگەن ساياھەتچىلەر توپ- توپ بولۇشۇپ، ياكى ئاتقا مىنىپ يۈرەتتى، ياكى ئاپئاق قوي پادىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇراتتى. تىزگىنەكلىك ئۇچقۇنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى بىلەن بىردەم كۆتۈرۈلۈپ، بىردەم پەسىيىۋاتقان ئاۋاز گىرەلىشىپ، قالتىس پەيتلەرنى خاتىرىلەۋاتاتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نارات مەنزىرە رايونى مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى بەرپا قىلىش، ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، «بوشلۇقتىكى يايلاق» ساياھەت نام كارتىسىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇردى.
(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن جاڭ ۋېنتىڭ، ساۋ شياۋجۈەن)