باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى 9- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى، 20- نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي قىسىم خەلقئارا كۆرگەزمىسى، 2025- يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتى ھەم جۇڭگو دانىيە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى مەسئۇلىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ پىيونېرلارنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كۈرەش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرىدىن بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق كېڭەيتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، 2025- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا- ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى قاتارلىق داڭلىق كۆرگەزمىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئۆتكۈزۈپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، كارخانا قاتارلىقلارنى «سىرتقا چىقىش»قا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىقتىساد- سودا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى زور كۈچ بىلەن تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى زورايتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبىلەردىن ھەمبەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن جۇڭگو شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مەركەزنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە دائىر خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى سىجىل تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى ئۈزلۈكسىز گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا دائىر ھېكايىلىرىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى باشتىن- ئاخىر چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەۋپ- خەتەرگە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى زور يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.