​ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
10:41:51 2025-06-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي)  ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى 6- ئاينىڭ 12- كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، يېڭى ئېنېرگىيە، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەم قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.

 يىغىندا يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئەھۋالى ھەم پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نۇقتىلىق تۆمۈريول ۋە تاشيول تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى ئېنېرگىيەنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىشقا تۈرتكە بولۇشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى پىلانلاش، قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، 2025- يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ تورغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيە نىشان- ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە توك باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا مۇقىم تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتىپ، ئىلغار، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېشىل توكنى يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈشچانلىق، زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىشتەك ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۈكسەكلىك ۋە تونۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ھالقا ۋە كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ پاختىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشتە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ توپى ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى باشتىن- ئاخىر مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، قاتناش ساھەسىدىكى مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق تۆمۈريول، تاشيول يىرىك پىلان تۈرلىرىدە تېزدىن ئىش باشلاش، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ قاتناش ئەشيا ئوبوروتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى سىجىل مۇجەسسەملەپ، ئىلمىي پىلانلاپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان- ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىيەتنى دەل جايىدا تونۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇشى، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇشى، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇشى، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشى كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى تۇتۇپ، چوڭ- چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، مۇھىم ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش- ئېچىش ۋە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پائال يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، چوڭ- چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، تېخىمۇ سالمىقى بار يېڭى تەدبىر، قاتتىق تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تايانچلىق رول ئوينىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ قىسمەن شى، شەھەرلىرى ھەم ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سىنلىق شەكىلدە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125