جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى
11:03:52 2025-06-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ، چېن مىڭگو قاتناشتى

6- ئاينىڭ 13- كۈنى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى 6- ئاينىڭ 13- كۈنى ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى «بىرىگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇپ، ئىجادىي تەپەككۇر ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ سۆز قىلدى.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە ئومۇملۇق نۇقتىسىدىن، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن شىنجاڭ خىزمىتىنى تونۇش، ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشنى مىسلىسىز گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، قىممىتى يۇقىرى بىر قاتار قوللاش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاراتمىلىقى كۈچلۈك بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. يىغىندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئايرىم- ئايرىم سۆز قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىنى تەھلىل قىلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

 كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قانۇنىيىتى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تارىخى ھەم رېئاللىقىنى چوڭقۇر كۆزىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى قايتا- قايتا تەكىتلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا كۆرسىتىپ بېرىپ، بىزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە قولمۇقول يېتەكچىلىك قىلدى. ھازىر، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا دەسلەپكى قەدەمدە ياخشىلىنىش بولدى، لېكىن يەنە يۈزەكى ھادىسىدىن ئۆتۈپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەيدىغان زور مىقداردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ۋەزىپىنىڭ مۈشكۈللۈكى، جەنۇبىي شىنجاڭدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى بىر- بىرلەپ ھەل قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇش ئاساسىي ھالىتىنى پۇختىلاش كېرەك. «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ۋەزىيەتنى تولۇق تەتقىق قىلىپ، خەۋپ- خەتەرنى توغرا تەھلىل قىلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، كىرىش خاراكتېرلىك خەۋپ- خەتەردىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. 

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەلبلەر مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ئۈن- تىنسىز تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭگو قەلبى، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلىنىش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى باشقۇرۇپ، ياشانغان ئوقۇتقۇچىلار، غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى قاتارلىقلارنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ئالدىن ياخشى پىلانلاپ، ياش- ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئىدېئولوگىيە بازىسىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىرەكلىك رولى زور، تۈرتكىلىك ئۈنۈمى ياخشى بولغان بىر تۈركۈم كەسىپ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك كەسىپ زەنجىرىنى تۆۋەن ئېقىنغا ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولماقتا، بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. دۆلەت كارخانىلىرى بۇ خىزمەتنى سىياسىي جەھەتتىن تونۇپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش داۋامىدا كارخانىنى ئەلالاشتۇرۇش، زورايتىش، كۈچەيتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى قەرزى ۋە كەمتۈكلۈكىنى تېزدىن تولۇقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي شارائىتىنى يارىتىش كېرەك. تۆمۈريول، تاشيول، ئايرودۇرۇم، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق قۇرۇلۇۋاتقان چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى تېز قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، «15- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، يېتەكلەش كۈچى، تۈرتكە بولۇش كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى پائال پىلانلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، رايون مەركىزىي شەھىرى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش ئارقىلىق كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەپەككۇردىكى قاتمال ھالەتنى تۈگىتىپ، سىياسەت- تەدبىرلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھوقۇقنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىش ئارقىلىق كۈچ قوشۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنى بايلىق، كۈچنى جەنۇبىي شىنجاڭغا توپلاشقا، ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى، بولۇپمۇ يەر بايلىقىنىڭ يەنە ناھايىتى زور يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا بولىدۇ، يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا يەرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى زورايتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك يوللارنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ شەھەرنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى، بايلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭقۇر گىرەلىشىش، يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قەتئىي، كەسكىن قوغداپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى سىجىل پۇختىلاپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئومۇمىيەت ئېڭى، ئومۇملۇق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشتىكى خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى يەنىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، تېشى پال- پال، ئىچى غال- غال بولۇش، ساختىپەزلىك قىلىش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قەتئىي تۈگىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشنى مەركەزلىك تۈزەشنى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

 ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى چوڭقۇر مەقسىتىنى ئەستايىدىل چۈشىنىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مۇقىملىق خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، ھەم كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەم ماھىيەتتىن تۈزەش خىزمىتىنى ئىنچىكە، چوڭقۇر ياخشى ئىشلىشى كېرەك. خاس كەسىپلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەرلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەرقايسى تارماقلار ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرى تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش قىلىشنى تېزلىتىشى كېرەك، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ساقلاپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئارقىلىق خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە بىڭتۇەننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شى، شەھەرلىرىدىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە كارخانىلار، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق دۆلەت كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ناھىيە، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125