مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى
11:06:50 2025-06-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

 بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلغىنىغا تۆت ئاي بولمايلا، شىنجاڭ يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يەنە مۇھاكىمە قىلدى، يەنە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، يەنە ئالغا سىلجىتتى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئورنىنىڭ مۇھىملىقى، جەنۇبىي شىنجاڭدا ۋەزىپىنىڭ مۈشكۈللۈكى، جەنۇبىي شىنجاڭدا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئېنىق كۆرسەتتى.

 شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش ئاچقۇچ. شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتۇپ، دىققەتنى «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونا قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، قايسى مەسىلە تەخىرسىز بولسا، شۇ مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلدى، ئۇدا كۆپ قېتىم جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا دائىر مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللايدىغان 37 تۈرلۈك تەدبىرنى مەخسۇس ئېلان قىلىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، تارىمنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، ئىسلاھات تەپەككۇرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

 تارىم دەرياسى بويىدا، كوئېنلۇن ئېتىكىدە، كەسىپ تەرەققىياتى كۈنسېرى يۈكسەلدى، خەلق تۇرمۇشى ھەقىقىي ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا مىسلىسىز جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچ نامايان بولدى. بۈگۈنكى جەنۇبىي شىنجاڭدا، مۇقىملىقنىڭ ئاساسى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، خاس، ئەۋزەل، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى تېز شەكىللەندى، مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي بۆسۈش بولدى، گىرەلەشمە شەھەر- بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئاساسىي قاتلام خىزمەت كۈچى تولۇقلاندى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى. مۇقىم، ئىناق بولغان، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالغان جەنۇبىي شىنجاڭ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان، غەيرەت- جاسارەتكە تولغان جەنۇبىي شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

 «ئىشنى يېرىم يولدا تاشلاپ قويغانلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ، تېرىقچىلىقتا بوشاڭلىق قىلغانلار ھوسۇل ئالالمايدۇ.» جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدىكى يېڭى ئىستىل، يېڭى قىياپەتنى كۆرۈش بىلەن بىللە، يەنە شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، جەنۇبىي شىنجاڭدا يەنە يۈزەكى ھادىسىدىن ئۆتۈپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەيدىغان زور مىقداردىكى خىزمەتلەر بار، يەنە نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. جەزمەن مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەرنى تۇتۇپ، ئىشلارنى بىر- بىرلەپ قىلىپ، ھەربىر «مەسىلە تىزىملىكى»نى «نەتىجە تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇش ئاساسىي ھالىتىنى پۇختىلاش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، قەلبلەر مۇجەسسەملەنگەن، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى چوڭ- چوڭ كەسىپ تۈرلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇل ئەسلىھە جەھەتتىكى قەرزى ۋە كەمتۈكلۈكىنى تېزدىن تولۇقلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي شارائىتىنى يارىتىش؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر گىرەلىشىشى، يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىقنى قەتئىي، كەسكىن قوغداپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەش كېرەك.

 جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، بۇرچ شەرەپلىك، مەسئۇلىيەت مۇھىم. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئىرادە ۋە ھەر ۋاقىت بوشاشماي ئىشلەشتىكى قەتئىيلىكنى ساقلاپ، ئىجادىي تەپەككۇر ئارقىلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى سىجىل ھەل قىلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125