ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فاڭ
6- ئاينىڭ 14- كۈنى 2025- يىللىق «مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلار كۈنى». ئەتىگەندىلا، باي ناھىيەسىگە جايلاشقان قىزىل مىڭئۆي ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى تەرەپ- تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. بۇ مۇلازىمەت مەركىزى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى رەسمىي تىجارەت باشلاپ ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغان بولۇپ، تولۇق سىگناللىق پىرويېكسىيە ئاپپاراتى ۋە ئاۋاز، يورۇقلۇق، ئېلېكتىر تېخنىكىسى ئارقىلىق تەييارلانغان «قىزىل مىڭئۆي سىزنى چاقىرماقتا» ناملىق چۆكۈش شەكلىدىكى تىياتىر ساياھەتچىلەرنى قەدىمىي كۈسەندىكى يىپەك يولى گۈزەل مەنزىرىلىرى ئىچىگە باشلاپ كىردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ جايدىن 1500 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدىمۇ مۇشۇنداق مۇراسىم تۇيغۇسىغا ئىگە ئېكسكۇرسىيەلەر قىلىنىۋاتاتتى. مەنزىرە رايونىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى رەقەملىك كۆرگەزمە مەركىزىدە، ساياھەتچىلەر «مىڭ يىللىق موگاۋ غارى» «خىيالىي دۇنيادىكى بۇددا سارىيى» قاتارلىق كىنولار ئارقىلىق، موگاۋ غارىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭ بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ شەرققە تارقىلىشى ۋە جۇڭگوچىلاشتۇرۇلۇشىنىڭ مۇكەممەل مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى، ئۇلار جۇڭخۇانىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن گۆھەرلەر. كۈسەن بۇددا دىنىنىڭ جۇڭگوغا تارقىلىپ كىرىشىدىكى «تۇنجى بېكەت» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدىكى تاش غارلار شەرقىي ئاسىيا تاش غار سەنئىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان؛ دۇنخۇاڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئالغاندىن كېيىن، ئۆز ئالدىغا قۇرۇلما بولۇپ شەكىللەنگەن زور سەنئەت سىستېمىسىنى ھاسىل قىلغان. دۇنيا دەرىجىلىك مۇھىم مەدەنىيەت مىراسلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلار سانسىزلىغان كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
خۇددى دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ پەخرىي باشلىقى فەن جىنشى ئەپەندى ئېيتقاندەك، قىزىل مىڭئۆي سەنئىتى دۇنخۇاڭ تاش غار سەنئىتىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ بىرى، دۇنخۇاڭ تاش غار سەنئىتى قىزىل مىڭئۆي سەنئىتىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە بىر- بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.
تارىخىي مەنبەنى ئىزدەش
يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن
كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭنىڭ يىپەك يولىدىكى ئورنى تەڭداشسىز بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخىي تەرەققىيات يولى ھەم ئۆزئارا باغلىنىشلىق، ھەم ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
كۈسەن رايونى بۈگۈنكى تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي گىرۋىكىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرىنى مەركەز قىلغان بىر بۆلەك رايوننى كۆرسىتىدۇ، ئۇ قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ شىمالىي لىنىيە مۇھىم تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم بوستانلىق شەھەر- بەگلىكلىرىنىڭ بىرى. تەخمىنەن مىلادى 2- ئەسىردە بۇددا دىنى كۈسەنگە تارقىلىپ كىرگەن، مىلادى 3- ئەسىردىن 4- ئەسىرگىچە ئەڭ گۈللەنگەن بولۇپ، غار قېزىپ بۇدخانا سېلىش پائالىيىتى مىسلىسىز بولغان. قىزىل مىڭئۆي كۈسەن تاش غار سەنئىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا مىلادى 3- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە بولغان بۇددا دىنى سەنئىتىگە دائىر كۈسەن رايونىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجادىيەت ۋە مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭ رايونىدا ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ بۇرۇنقى، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق، غار تۈرى تىپى ئەڭ تولۇق، تەسىرى كەڭ بولغان بۇددا دىنى تاش غار ئىبادەتخانىسى مىراسى ھېسابلىنىدۇ. قىزىل مىڭئۆي دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارىدىن تەخمىنەن بىر ئەسىر بۇرۇن قېزىلغان بولۇپ، ھازىر 349 غار بار، تام رەسىملىرى كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېقىنلىشىدۇ. بېيجىڭ داشۆنىڭ پىروفېسسورى سۇ بەي مۇنداق دېدى: «كۈسەن جۇڭگو بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ، جۇڭگو تاش غار سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئۇ جۇڭگو تاش غار سەنئىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ».
غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى بەگلىكلەر ئىچىدە كۈسەن راھىبلارنى ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بۇددا دىنىنى تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. كۈسەندە تۇغۇلغان بۇددىست، بۇددا نوملىرى تەرجىمانى كۇماراجىۋا مىلادى 401- يىلى (كېيىنكى چىن سۇلالىسى خۇڭشىنىڭ 3- يىلى) چاڭئەنگە كېلىپ، شاگىرت، راھىبلارغا باشلامچىلىق قىلىپ، جۇڭگو تارىخىدىكى كەڭ كۆلەملىك نوم تەرجىمە قىلىش پائالىيىتىنى باشلىغان، ئاساسلىقى «فاخۇا نومى» «ئامىتابا نومى» «جىنگاڭ نومى» قاتارلىق 35 پارچە بۇددا دىنى كىلاسسىك نومىنى تەرجىمە قىلغان، تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا بۇددا دىنى مادخيامىكا ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ۋە دەل جايىدا تونۇشتۇرۇپ، بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا كەڭ تارقىتىپ، ئالتە سۇلالە مەزگىلىدە بۇددا دىنىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدىكى بۇددا دىنىنىڭ كۆپ خىل مەزھەپلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە يول ئاچقان.
دۇنخۇاڭ خېشى كارىدورىنىڭ ئەڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمكى دەۋردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق غول يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئىدى. دۇنخۇاڭنىڭ تارىخىنى خەن ۋۇدى دەۋرىدە دۇنخۇاڭ ۋىلايىتى تەسىس قىلىنغاندىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. دۇنخۇاڭ تاش غارلىرى ئاساسلىقى دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارى، غەربىي مىڭئۆي، گۇاجوۋ يۈلىن غارى، شەرقىي مىڭئۆي قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنىڭ ئورنى، مەزمۇنى، سەنئەت ئۇسلۇبى يېقىن بولغاچقا، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ دۇنخۇاڭ تاش غار توپى دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ ئىچىدە موگاۋ غارى زور كۆلىمى، مول مىراسلىرى ۋە ئاجايىپ سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن دۇنخۇاڭ تاش غار توپىدىكى ۋەكىللىك غار بولۇپ قالغان. دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارى مىلادى 366- يىلى قېزىلىشقا باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى، بەش دەۋردىن سۇڭ سۇلالىسى قاتارلىقلارغىچە بولغان دەۋرلەردە داۋاملىق قۇرۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ، دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلانغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مەزمۇنى ئەڭ مول بولغان بۇددا دىنى سەنئىتى ئېگىزلىكىنى شەكىللەندۈرگەن. موگاۋ غارىدا 735 غار بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تام رەسىملىرى ۋە ھەيكەللەر بار غاردىن 492سى بار، تام رەسىملىرىنىڭ كۆلىمى 45 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، تۈرلۈك رەڭلىك ھەيكەللەردىن 2415ى بار. دۇنخۇاڭ موگاۋ غارى سەنئىتى كۆپ مىللەت سەنئىتىنى يۇغۇرۇپ، تومۇرى ئېنىق، ئۆز خاسلىقىغا ئىگە دۇنخۇاڭ بۇددا دىنى سەنئەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيا بۇددا دىنى سەنئىتى تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى بولۇپ، جۇڭگو ۋە دۇنيا گۈزەل سەنئەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.
شىنجاڭ قىزىل مىڭئۆي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ لىخۇي «يىپەك يولى تومۇرى − كۈسەندىن دۇنخۇاڭغىچە» تېمىسىدىكى لېكسىيەسىدە، قەدىمكى دەۋردىكى كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭنىڭ يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئىكەنلىكى، ئۇلار يىپەك يولىدىن مول ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى بېيىتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. لياڭجوۋ تاش غارى ھەم دۇنخۇاڭنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تاش غار سەنئىتىدە مەيلى غارنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشى، تام رەسىملىرىنىڭ تېمىسى ياكى سەنئەت ئۇسلۇبى بولسۇن، ھەممىسى كۈسەن تاش غار سەنئىتىنىڭ تەسىرىگە روشەن ئۇچرىغان. ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، كۆپ خىللىق مۇجەسسەملەنگەن كۈسەن تاش غار سەنئىتى 500- 600 يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن، تەدرىجىي خارابلىشىشقا يۈزلەنگەن. لېكىن خېشى كارىدورىنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان، غەربتە شىنجاڭنىڭ شەرقىي چېگراسىغا قوشنا بولغان دۇنخۇاڭ تاش غار سەنئىتىدە بولسا گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كەلگەنىدى. گاھ ئاجىزلاپ، گاھ گۈللىنىپ، تاش غار سەنئىتى كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭ ئارىسىدىكى ھەمتۈرتكىلىك تارقىلىش داۋامىدا تېخىمۇ شانلىق تەرەققىياتقا ئېرىشكەن.
سەنئەت خەزىنىسى
مەدەنىيلىك يۇغۇرۇلغان كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتى
كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭنىڭ تاش غار سەنئىتى بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىمارەت شەكلى، تام رەسىم ئۇسلۇبى ۋە ھەيكەلتىراشلىق ماھارىتى جەھەتتە ھەم تومۇرداش، ھەم روشەن خاسلىققا ئىگە. بۇ ئىككى چوڭ سەنئەت سىستېمىسى بۇددا دىنى سەنئىتىنىڭ غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقىلىش جەريانىدىكى تەدرىجىي يەرلىكلىشىش يولىنى، شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئامىللىرىنىڭ بۇ مىراسلار ئىچىدە ئىناق بىللە مەۋجۇت بولغانلىقى، جۇلالانغانلىقىنى ئېنىق نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى سەنئەت ئەسەرلىرىدە تولۇق نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. كۈسەن تاش غارلىرىدىكى تام رەسىملىرىنىڭ تېمىسى ئاساسلىقى ساكيامۇنى بۇددانىڭ دۇنياغا كېلىشى، سەۋەبى ۋە بۇددا دىنىنى تارقىتىشى قاتارلىق ھېكايىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، سانى كۆپ بولغاچقا، «بۇددا دىنى ھېكايىلىك رەسىملىرىنىڭ دېڭىزى» دەپ تەرىپلەنگەن. تام رەسىملىرىدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازى، كىيىم- كېچەك، زىبۇ- زىننەت، بىناكارلىق قاتارلىق ئامىللارغا ھىندىستان، گىرېتسىيە، پارس قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى يۇغۇرۇلغان. ئۇنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولۇپ، رىتىم تۇيغۇسىغا تولغان رومبىسىمان كاتەكچە شەكىللىك بەدىئىي تۈزۈلۈش، شۇنداقلا سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك، ئۇسلۇبى ئارامبەخش، ھەيۋەتلىك بولغان رەڭلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ئىنتايىن كۈچلۈك بېزەك تۇيغۇسىغا ئىگە. كىيىم- كېچەك قاتلاقلىرىنى ئىپادىلەشتە سىزىق تەسۋىرى ئۇسۇلى قوللىنىلغان، سىزىقلار بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ بەدەن شەكلىگە ماسلاشتۇرۇپ سىزىلغان، توم- ئىنچىكىلىكى تەكشى، مەزمۇت، كۈچلۈك، مول ئېلاستىكلىققا ئىگە، بۇ، «ساۋيىنىڭ سۇدىن چىقىشى» سىزىش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ئوبراز يارىتىشىدىكى كىلاسسىك شەكىلگە ئايلانغان. ھىندىستاندىن تارقالغان رەڭ بېرىش ئۇسۇلىمۇ ناھايىتى ياخشى قوللىنىلغان، كۈسەن رەسساملىرى ئوخشاش بولمىغان يورۇقلۇق دەرىجىسىدىكى ئوخشاش رەڭ ئارقىلىق تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا ياكى چوڭقۇرلۇقتىن تەدرىجىي تېيىزلىققا قاراپ قاتلاممۇقاتلام گىرەلەشتۈرۈپ، جىسىم تەسۋىرىنى ناھايىتى كۈچلۈك ئىستېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە قىلغان.
دۇنخۇاڭ تاش غار تام رەسىملىرىنىڭ سەنئەت ئۇسلۇبى تېخىمۇ مول، كۆپ خىل. دەسلەپكى مەزگىلدە كۈسەن تاش غار سەنئىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى كۆپىنچە سىم سىزىق تەسۋىرى ئۇسۇلىدا سىزىلغان، ئاندىن كۈسەن ئۇسلۇبىدىكى رەڭ بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ ئىستېرېئولۇق تۇيغۇ شەكىللەندۈرۈلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەنئەنىۋى رەسىم سىزىش ماھارىتى دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرىدە تەدرىجىي يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلىگەن. دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىدىكى تام رەسىملىرىنىڭ تېمىسى كەڭ بولۇپ، بۇددا دىنى ھېكايىلىرىدىن باشقا، يەنە ئەينى چاغدىكى جەمئىيەت تۇرمۇشى، خەلق ئۆرپ- ئادىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نۇرغۇن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دۇنخۇاڭ تاش غار تام رەسىملىرىدە نومدىكى مەزمۇنلارنى رەسىم ئارقىلىق ئىپادىلەش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان. تام رەسىملىرىنىڭ قۇرۇلمىسى جەھەتتە، چاتما رەسىم شەكلى، تۆر ئۆي شەكلى ۋە چىمىلدىق شەكلى كەڭ ئومۇملاشقان، بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ ئەنئەنىۋى لەنخۇا يوپۇرمىقى تەسۋىرى ئاساس قىلىنغان، سىم سىزىق تەسۋىرى قاتارلىقلارمۇ قوللىنىلغان ھەم ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلارغا قارىتا بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىلغان. بۇنداق يۇغۇرۇلۇش دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرىنى ھەم غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىگە خاس سىرلىق، رومانتىك تۈسكە ئىگە قىلغان، ھەم ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ھەيۋەتلىك سالاپىتىنى يوقاتمىغان. دۇنخۇاڭ سەنئىتىنىڭ كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشنىڭ يەرلىكلىشىشى بولۇپ، دۇنخۇاڭدىكى يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى تام رەسىملىرىدە كۆپلەپ ئىپادىلەنگەن، بولۇپمۇ ھەيكەل ۋە تام رەسىملىرىدىكى بۇددا، بۇدساتۋا، پەرىزات، باققۇچى قاتارلىقلارنىڭ چىرايى كۆپ مىللەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلغان. دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى پەرىزات ئوبرازى بولۇپ، ئۇنىڭ كىيىملىرى لەپىلدەپ تۇرغاندەك، ئۇچۇۋاتقان تۇرنىدەك، پەرۋاز قىلىۋاتقان ئەجدىھادەك كۆرۈنىدۇ، كۈسەن تام رەسىملىرىدىكى غەربىي يۇرت خاسلىقىنى تېخىمۇ كۆپ ساقلاپ قالغان پەرىزات ئوبرازى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلىشىش ئۆزگىرىشىنى تاماملاپ، شەرقنىڭ گۈزەللىك ئىدىيەسىگە ئىگە ئاجايىپ دۇنيانى بەرپا قىلغان.
«دەل قەدىمكى يىپەك يولى بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئىشقا ئاشقان، كۈسەن ۋە دۇنخۇاڭنىڭ شانلىق سەنئىتى بارلىققا كەلگەن. كۈسەندىن دۇنخۇاڭغىچە بولغان ئىككى جايدىكى غارلارنىڭ قېزىلىشى گەرچە يۈز يىل پەرق قىلسىمۇ، ھەممىسى بۇددا دىنى تاش غار سەنئىتىنىڭ قانداق قىلىپ يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ تومۇر ئارقىلىق جۇڭگوغا كىرگەنلىكىدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگوچىلاشقانلىقىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا گۇۋاھ بولۇپ، تارىخ بىلەن مەدەنىيەتنىڭ سۆھبىتىنى تېخىمۇ تۇتاشتۇرۇپ، كىشىلەرگە نۇرغۇن يېشىشكە تېگىشلىك سىرلارنى قالدۇرغان» دېدى مياۋ لىخۇي.
كېيىنكى ئەۋلادلارغا بولغان تەسىرى
مىڭ يىلدىن ھالقىغان سەنئەت قايتما ساداسى
كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭ يىپەك يولىدىكى ئىككى چوڭ مەدەنىيەت ئېگىزلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ تەسىر كۈچى پەقەت بۇددا دىنى سەنئىتى ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان، تېخىمۇ مۇھىمى، مۇزىكا- ئۇسسۇل، ئەدەبىي ئىجادىيەت، ئىلمىي تەتقىقات قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردە چوڭقۇر، ئۇزاق تەسىر پەيدا قىلغان.
كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇللىرىنىڭ ئاجايىپ تەسىرى كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مىراسلىرىنىڭ بىرى. كۈسەن تام رەسىملىرىدە 20 نەچچە خىل چالغۇ، جۈملىدىن كۇڭخوۋ، باربىت، رۇەن، دۇمباق، قوڭغۇراق، جاڭ، ياڭراق نەي، نەي قاتارلىقلار تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ئۇسسۇلدا پەرىزات قىياپىتى نامايان قىلىنغان، بولۇپمۇ بەدەن ھالىتىنىڭ جەزبدارلىقى ۋە سىزىقلىرىنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن، بۇ رەسىملىك ماتېرىياللار كۈسەننىڭ قەدىمكى دەۋردىكى غەربىي يۇرتنىڭ مۇزىكا- ئۇسسۇل مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇللىرىنىڭ تەسىرى سۇي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. سۇي ياڭدى بېكىتكەن «توققۇز نەغمە»، تاڭ تەيزۇڭ بېكىتكەن «ئون نەغمە» ئىچىدە كۈسەن نەغمىسى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كەڭ تارقالغان خۇلارنىڭ قويۇن ئۇسسۇلى، خۇلارنىڭ سەكرىمە ئۇسسۇلى قاتارلىقلار كۈسەندىن كەلگەن بولۇپ، كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇل ئامىللىرى جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مۇزىكىسىغا، ئۇسسۇل تومۇرىغا سىڭىشىپ، ئۇلارنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان.
ئىلمىي تەتقىقات جەھەتتە، كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭغا دائىر مەخسۇس پەن ساھەسى بارلىققا كەلدى. كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقاتى گەرچە كېيىنرەك باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما «دۇنخۇاڭشۇناسلىقتىكى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى كۈسەن تاش غارلىرىدا مەنبەسىدىن سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ» دېيىش ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، ئىككىسى زىچ ئىلمىي باغلىنىشقا ئىگە. دۇنخۇاڭشۇناسلىق خەلقئارادا زور تەسىر پەيدا قىلغان داڭلىق ئىلىم بولۇپ قالدى، تەتقىقات دائىرىسى تاش غار سەنئىتى، قېزىپ چىقىلغان ھۆججەت- ئەسەرلەر، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ئالىملىرىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى. كۈسەن تەتقىقاتىمۇ كۈنسېرى ئېتىبارغا ئېرىشمەكتە، بولۇپمۇ بۇددا دىنى سەنئىتىنى تارقىتىش، يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە تەڭداشسىز قىممەتكە ئىگە.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى يەنىلا داۋاملىق كېڭەيمەكتە. تام رەسىملىرىدىكى مۇزىكا- ئۇسسۇل ئامىللىرى ھازىرقى زامان ئۇسسۇل ئىجادىيىتىنى مول خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. بۇ خىل مىڭ يىلدىن ھالقىغان مەدەنىيەت تەسىر كۈچى كۈسەن ۋە دۇنخۇاڭ سەنئىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئىسپاتلىدى.
سەنئەت مائارىپى ساھەسىدە، كۈسەن ۋە دۇنخۇاڭنىڭ سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇھىم ئوقۇتۇش بايلىقىغا ئايلاندى. مەركىزىي گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنى قاتارلىق سەنئەت مەكتەپلىرى ئۇزاقتىن بۇيان دۇنخۇاڭ تام رەسىملىرىنىڭ تەقلىدىي رەسىملىرىنى سىزىش دەرسى تەسىس قىلدى، شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى كۈسەن سەنئىتىنى خاس ئوقۇتۇش مەزمۇنى قىلدى. بۇ خىل مائارىپ ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىش ئىككى چوڭ سەنئەت سىستېمىسىنىڭ ھۈنەر- سەنئىتى ۋە گۈزەللىك ئىدىيەسىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.
كۈسەن بىلەن دۇنخۇاڭنىڭ مەدەنىيەت تەسىرى چوڭقۇر بىر مەدەنىيەت تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى دەلىللىدى: ھەقىقىي مەدەنىيەت گۆھىرى ئەزەلدىن ۋاقىت، ئورۇن بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، بەلكى زامان- ماكان چېگراسىدىن ھالقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى سۆھبىتى ۋە قۇرۇلۇشىغا سىجىل قاتنىشىدۇ. بۇ ئىككى جايدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنىۋى سىمۋولى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت بايلىقى بولۇپ قالدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)