6- ئاينىڭ 13- كۈنى، قومۇل − چۇڭچىڭ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باركۆل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. لى شياڭدۇڭ فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋېي يۇڭگۇي، جاڭ تىڭ) 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 27- كۈنى، قومۇل − جېڭجوۋ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ بۇ يىل 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، قومۇل − چۇڭچىڭ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
شىنجاڭنىڭ توكىنى خېنەنگە يەتكۈزۈش، شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تاغ- دەريالاردىن ھالقىغان ئىككى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى شىنجاڭ قومۇلنى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندۇردى. بولۇپمۇ بۇ ئىككى تۈرلۈك زور ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىدا، «شامال، يورۇقلۇق» يېڭى ئېنېرگىيەسىدىن كېلىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بارغانسېرى ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ قومۇل − چۇڭچىڭ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشىدۇ.
«شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ» قومۇلغا نەزەر سالساق، قومۇل دۆلەتنىڭ 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك شامال ئېلېكتىر بازىسى، 1 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يورۇقلۇق ۋولت بازىسى ۋە يورۇقلۇق ئىسسىقلىق بازىسى. «شامال، يورۇقلۇق»تىن ئىبارەت يېڭى ئېنېرگىيە قومۇلنىڭ يارقىن يېڭى نام كارتىسى بولۇپ قالدى.
6- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ، «شىنجاڭ يېزا ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى بىرلەشمە كوپىراتىپى . يېزا سودا بانكىسى» نامدارلىقىدىكى شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى قومۇلغا كەلدى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى زىيارەت ئۆمىكى زىيارەت قىلىپ سۈرەتكە تارتىدىغان مۇھىم مەزمۇن بولۇپ قالدى. فوتوگرافلار قومۇلدا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، قومۇلنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەتنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
6- ئاينىڭ 13- كۈنى، قومۇل − چۇڭچىڭ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى باركۆل توك ئالماشتۇرۇش پونكىتىدىن چۇڭچىڭنىڭ ئېلېكتىر تۆمۈر مۇنارىغىچە ئۇزارتىلدى. لى شياڭدۇڭ فوتوسى
6- ئاينىڭ 12- كۈنى، قومۇل يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى شىچېڭزى فوتوۋولت كەسىپلەر باغچىسىدىكى يورۇقلۇق ۋولت كۆك دېڭىزى. جىن ۋېي فوتوسى
قومۇل − چۇڭچىڭ 800 ± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلۇشچىلىرى بوشلۇقتا سىم تارتماقتا. ۋۇ جىڭ فوتوسى
قومۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۆرۈك ناھىيەسىگە جايلاشقان جۇڭگو ئېلېكتىرى قومۇل قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ئېرىتىلگەن تۇز مۇنارسىمان نۇر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن بىر كۆرۈنۈش. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى نۇر ئىسسىقلىقىدىن توك چىقىرىش ئۈلگە تۈرى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى نۇر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھېسابلىنىدۇ. ۋۇ جىڭ فوتوسى
جۇڭگو ئېلېكتىرى قومۇل قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق ئېلېكتىر چەكلىك شىركىتىنىڭ 50 مىڭ كىلوۋاتلىق ئېرىتىلگەن تۇز مۇنارسىمان نۇر ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. لى خۇا فوتوسى
قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى سەنتاڭخۇدىكى شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش مەنزىرىسى. لى خۇا فوتوسى