يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى قاتاردىكى سەۋىيەگە ئىگە خەلقئارالاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭىچە داۋالاش ئاپپاراتى بەرپا قىلىش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6- ئاينىڭ 15- كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر بولۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن، رايون خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇملۇق يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، زامانىۋى ئىدىيە، خەلقئارا نەزەر دائىرە، ئېچىۋېتىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردىكى سەۋىيەگە ئىگە خەلقئارالاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېڭىچە داۋالاش ئاپپاراتى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
6- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، 1- قارارلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ۋە 2- قارارلىق تۈرلەرنى پىلانلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىماقتا. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
نۆۋەتتە، شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر تېز ئالغا سىلجىتىلماقتا. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ، ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈردى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى خەن دېمىن ۋە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، 1- قارارلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ۋە 2- قارارلىق تۈرلەرنى پىلانلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى ھەم ياتاق بىناسى، يىغىن زالى قاتارلىق مەيدان- سورۇنلارغا كىرىپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا قۇرۇلۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئىشنى پۇختا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش، تەڭشەش، خادىملارنى تەشكىللەپ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى مۇقىملىق ئاساسىدا تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ خەلقئارا داۋالاش مەركىزى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىش، رايون تەرەققىياتىدىكى تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىدا مۇھىم بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۈكسەك ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن داۋالاش مۇلازىمىتى ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بىرىنچى قاتاردىكى ئىختىساسلىقلار ۋە ئۈسكۈنە تىرىكىنى كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى، ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن توپلاپ، ئىلغار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دىياگنوز قويۇش- داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەپ، داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ قاتتىق ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلاش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، داۋالاشتا ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش سۇپىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، يۇقىرى قاتلاملىق تېببىي پەنلەر بويىچە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك پەنلەر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ ئىچى- سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى توپلاپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل پەن، خاس ئامبۇلاتورىيە بەرپا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەلقئارالىشىش ئورۇن بېكىتمىسىنى چۆرىدەپ، چېگرا ھالقىغان داۋالاش مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىپ، باشقۇرۇش، تىجارەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەنە خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىنىڭ مەڭگۈلۈك سورۇن پىلانلاش مەيدانىغا كېلىپ، نەق مەيداندا تۈر ئورنىنى تاللاشنى كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى پائال، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلەردە قەرەلىدە ئىش باشلاپ قۇرۇلۇش قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.
قادېن كەبىن، قەيسەر ئابدۇكېرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)