ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى يۇرت- ماكانى بار. چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغۋار ئىش. خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى مۇھىت تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئەتكە ئىناقلىقنى، گۈزەللىكنى قايتۇرۇش ئارقىلىق، خەلقنى بەختكە، خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشى كېرەك.
— 2019- يىلى 7- ئاينىڭ 27- كۈنى، شى جىنپىڭ 7- نۆۋەتلىك كۆپچى خەلقئارا قۇملۇق مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە مۇشۇنداق كۆرسەتتى