سەنچۇەن بازىرىدا نېلۇپەر پورەكلەپ ئېچىلدى (6- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياڭ بو فوتوسى)
يېقىندا، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ لىجياڭ شەھىرى يۇڭشېڭ ناھىيەسى سەنچۇەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مو نېلۇپەر راسا ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ياپيېشىل نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى گىرەلىشىپ، ئېچىلىپ تۇرغان يېشىل كۈنلۈككە ئوخشاش پۈتۈن نېلۇپەر كۆلچىكىگە تولۇق يېيىلىپ تۇراتتى، ھال رەڭ يۇمران نېلۇپەر گۈللىرى نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى ئارىسىدا گەۋدىلىنىپ تۇراتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇڭشېڭ ناھىيەسىنىڭ سەنچۇەن بازىرى 10 مىڭ مولۇق نېلۇپەر ئېتىزى بايلىقىغا تايىنىپ، يېزا- كەنت ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، نېلۇپەر پەسلى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا، سەيلە- ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يەردە، ساياھەتچىلەر گۈزەل نېلۇپەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە چۈەنخېيەن زىياپىتى قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، يېزا- كەنت تۇرمۇشىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايدۇ. (لوساڭ جوما، جې يىڭچاۋ، ما لىخۇڭ، ياڭ بو)
پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر. شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياڭ بو فوتوسى)
پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەر (6- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياڭ بو فوتوسى)
بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان سەنچۇەن بازىرى نېلۇپەر كۆلچىكى (6- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياڭ بو فوتوسى)
سەنچۇەن بازىرى نېلۇپەر كۆلچىكى (6- ئاينىڭ 10- كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا تورى تارقاتقان (ياڭ بو فوتوسى)