چېن مىڭگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خىزمەت ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىدە، ما شىڭرۇي خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، مېيىپلەر تۈرلۈك ياردەمچى ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، مېيىپ كۇرسانتلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقىنى قوبۇل قىلىۋاتقان مېيىپ بالىلارنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مېيىپلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 35- قېتىملىق مەملىكەتلىك مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، يار- يۆلەك بولۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مېيىپلەر بىرلەشمىسى خىزمىتىنى سىستېما جەھەتتىن ئەلالاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پىكىر يولى، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مېيىپلەر ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىلىي سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە ئاساسىي قاتلام مېيىپلەر بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ مېيىپلەرنى ھەقىقىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مېيىپلەرگە غەمخورلۇق قىلىش، يار- يۆلەك بولۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، بايلىق ۋە كۈچنى كەڭ كۆلەمدە توپلاپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى مېيىپلەرگە يار- يۆلەك بولۇش، ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مېيىپلەرنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئۆزىگە تايىنىشىغا ياردەم بېرىش ۋە ئىلھام بېرىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرېست جەمئىيىتىگە كېلىپ، ما شىڭرۇي قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئاپەتتىن ساقلىنىشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىسىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش مانېۋىرى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا كۆردى، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: قىزىل كىرېست ئىشلىرى ئىنسانلارغا بەخت يارىتىدىغان ئالىيجاناب ئىش. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك، مېھىر- شەپقەت، تۆھپە قوشۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىگە پائال قاتنىشىپ، تىرىشىپ خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون خاسلىقىغا ئىگە مۇلازىمەت سۇپىسى ۋە مۇلازىمەت ماركىسىنى پائال يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئىچكى قىسىمدىكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، قىزىل كىرېست جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
شىنجاڭ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىگە كىرىپ، ما شىڭرۇي باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتمەكتە، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتى ۋە سۇپىسى كۈنسېرى كېڭەيمەكتە. ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭ خىزمىتى ئومۇملۇقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى خىزمىتىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى باشتىن- ئاخىر پۇت تىرەپ تۇرۇش ئاساسى قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى تۇتاشتۇرۇش، ئىچكى- تاشقى جەھەتتە يۈرۈشتۈرۈش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش تورىنى داۋاملىق زىچ توقۇپ، كارخانىلارنىڭ بازارنى كېڭەيتىش، خەۋپ- خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك. تاشقى ئالاقە، مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا دوستلار چەمبىرىكىنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىغا پائال ۋاسىتىچى بولۇپ، خاس كۆرگەزمە ۋە ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى چوڭقۇر ئاڭلاپ ۋە ھەل قىلىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاممىۋى تەشكىلاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشتىن- ئاخىر سىياسىي قۇرۇلۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خاس خىزمەت داڭلىق ماركىسى يارىتىپ، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت ئېچىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئامما بىلەن كەڭ ئالاقە باغلاش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)