ما شىڭرۇي ئۈرۈمچىدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6- ئاينىڭ 16- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشنى قاتتىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ما شىڭرۇي ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا كېلىپ، ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئالاقىدار ئىشخانىلارغا كىرىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنىڭ ئىلگىرىلەش نەتىجىلىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغان، مەۋقەنى فۇنكسىيەسىگە قويۇپ ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى سۆزلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنىڭ كىشىلەرنى تەربىيەلەپ يېڭى كەيپىيات يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرى خۇيمىن كاڭشوۋ ياشانغانلار ياتاق بىناسىغا كېلىپ، ما شىڭرۇي ياتاق بىناسىنىڭ ئاشخانا، كارىۋات قاتارلىق ئەسلىھە شارائىتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، ياتاق بىناسىنىڭ قۇرۇلۇش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى ھەم ياشانغانلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى خەلق ئىشلىرى ئاساسىي قاتلاملىرىغىچە ئۇزارتىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ساھەسىگە ئۇزارتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزەپ، ھەر مىللەت ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
شىمىگۇ رايونىنىڭ ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى تىك قۇدۇق جەنۇبىي مەھەللىسىدە، ما شىڭرۇي پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىن تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام نازارەتچىلىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، دائىم ئىشلەپ، دائىم تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك»نى چوڭقۇر تۈزەپ، ھەقىقىي تۈردە پۇقرالارنى ھېس قىلىش، مەنپەئەتلىنىش، نەتىجىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، سەلبىي تىپىك دېلو مىساللىرىنى ياخشى تەتبىقلاپ، ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىشنى كەم- كوتسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئۈزۈل- كېسىل بولغان ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ياخشىلاپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. دىققەتنى «مەكتەپ تامىقى»، ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، يېزا كوللېكتىپ «ئۈچ مۈلۈك»ىنى باشقۇرۇش، دەپنە ئىشلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى يەنىمۇ چوڭقۇر قېزىپ، نۇقتىلىق دېلولارنى كۈچەپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قەتئىي جازالاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ- ئىچىشنى تۈزەشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشنىڭ ئېغىر سىياسىي خەۋپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەكشۈرۈپ تېپىش، تەكشۈرۈپ كۆزىتىش، تۈزىتىش، تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشتەك ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي توسۇشى، زور كۈچ بىلەن تۈزىتىشى كېرەك. نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، نەق يۈزبېرىۋاتقانلىرىنى تۇتۇپ، تىپىكلىرىنى تۇتۇپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تۇتۇپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغان ئادەم ۋە ئىشلارنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، قەتئىي تۈردە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئاساسىي قاتلامغا قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، ئەيمىنىشنى بىلىش، سەگەك بولۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئاڭلىقلىقىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
تيەن شياڭلى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)