لۇڭنەن چېڭشيەن ناھىيەسى: كۆك بوغۇز قۇياش قۇشى نەنشەن تېغىدا ئۇسسۇلغا چۈشتى
16:56:08 2025-06-18 تىيانشان تورى

 تومۇز ياز يېتىپ كەلدى، گەنسۇ ئۆلكىسى لۇڭنەن شەھىرى چېڭشيەن ناھىيەسىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بولۇق ئۆسكەن نەنشەن تېغى ئەتراپىدا، كۆك بوغۇز قۇياش قۇشى گۈللەر ئارىسىدا ئوزۇق ئىزدەپ ئارام ئېلىپ، قۇشلار شاد- خۇراملىققا چۆمگەن، ئادەم بىلەن قۇشلار ئىناق ئۆتىدىغان ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىنى نامايان قىلدى.

 قۇياش قۇشى قەدىمكى رىۋايەتلەردىكى سۇمۇرغ بولۇپ، دۇنيادا جەمئىي 14 خىلى بار، جۇڭگودا ئالتە خىلى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆك بوغۇز قۇياش قۇشى ئاساسلىقى گەنسۇنىڭ جەنۇبىغا تارقالغان. كۆك بوغۇز قۇياش قۇشىنىڭ پېيى چىرايلىق بولۇپ، چېڭشيەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى ئەڭ گۈزەل قۇش دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ گۈل شىرنىسى ۋە ھاشاراتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، گۈل چېڭى تارقىتىش ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنى تىزگىنلەش جەھەتتىكى رولى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، دۆلەتنىڭ «ئۈچكە ئىگە» بويىچە قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېڭشيەن ناھىيەسى ئەتراپىدا بۇ قۇشنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ناھىيە تەۋەسىدە ئۆسىدىغان پاۋلونىيە دەرىخى گۈلى ۋە كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلگەن جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى بولغان سېرىق بۇيا چېچەكلىرى ئۇنى مول يېمەكلىك ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چېڭشيەن ناھىيەسىنىڭ نەنشەن تېغى ئەتراپىدىكى قويۇق ئورمان، ياخشى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرمۇ قۇياش قۇشىنى مۇۋاپىق ئۆسۈش مۇھىتىغا ئىگە قىلغان. (شى جيامىن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125