ما شىڭرۇي تۇرپان توقسۇندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
11:17:32 2025-06-19 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

سانائەت ئىقتىسادىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 6- ئاينىڭ 17- كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ توقسۇن ناھىيەسىگە كېلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، تۈر قۇرۇلۇشى، سانائەتنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق كارخانا، چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى چىڭ كۆزلەپ، مەبلەغ سېلىش مىقدارىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كەسىپ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ «تۇراقلاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭ جۇڭتەي يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ كېشىن خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، ئاساسىي كونترول ئۆيىگە كىرىپ، يىلىغا 1 مىليون توننا كۆمۈردىن مېتانول ئېلىش تۈرى، يۇقىرى سۈپەتلىك فىتورلۇق ئانورگانىك تۇز تۈرى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ھازىرقى كەسىپ تەرەققىياتى، تۈر قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، كارخانىلارنى بازار پۇرسىتى، سىياسەت پۇرسىتىنى تۇتۇپ، بايلىقنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، رايون ئىقتىسادىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: توقسۇننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى، رايون ئورنى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۈلگە كۆرسىتىش شارائىتى بار. ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچەپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنىڭ تېزلىكتە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى چىڭ كۆزلەپ، سانائەت ئىقتىسادىنى زورايتىشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تىرەك بولۇش كېرەك. ما شىڭرۇي يەنە شىنجاڭ شېڭشيۇڭ ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپ تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

 توقسۇن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىدە، ما شىڭرۇي ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خەۋپ- خەتەرنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، سىن سىستېمىسى ئارقىلىق نۇقتىلىق ئورۇن، مۇھىم قاتناش يولى قاتارلىقلارنىڭ يۈرۈشۈش ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام ساقچى ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساقچى كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن چارلاش- تىزگىنلەش، زىددىيەت- ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە شۇ جاينىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، شۇ جاينىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن- ئاخىر مەۋقەنى رايون بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، زورايتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆز جايىدا پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە كەسىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە رايون ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بوشلۇقنى كېڭەيتىش كېرەك. چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق، بازار ئىستىقبالى كەڭ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشىدىغان تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، نىشان- ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر ھوشيارلىق ۋە سەزگۈرلۈكنى ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىققا ئالاقىدار زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشتىكى غەيرەت ۋە سالماقنى ساقلاشنى بوشاشتۇرماي، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ- خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەش ۋە ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، يۈكسەلدۈرۈشنى سىجىل كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

 ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئەمەلىي ئىش قىلىش جەھەتتە ئۈنۈمگە قاراش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش تەلىپىنى پۇختا، ئىنچىكە، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى قاتتىق، ئەمەلىي ئالغا سىلجىتىپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ- ئىچىشتەك ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئېسىل ئىستىل ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125